باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

توردا مال سېتىۋالغاندا «دورا ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ» دېگەن خەت يوق گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ

2019.05.05 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توردا گىرىم بۇيۇملىرى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار بۇنىڭدىن كېيىن مەھسۇلات سېتىۋالغاندا چوقۇم «دورا ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ» دېگەن سۆزنى ئېنىق تونۇۋېلىشى كېرەك، بولمىسا تىجارەت قېلىپلاشمىغان ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئېھتىيات بىلەن سېتىۋېلىش لازىم. تۈنۈگۈن، دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، گىرىم بۇيۇملىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى بۇ يىل 5-ئايدا ماس قەدەمدە، «دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئۈنۈمىنى توغرا تونۇڭ، گىرىم بۇيۇملىرى دورىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، تېرە كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىيالمايدۇ»، دېگەن گىرىم بۇيۇملىرى ئىستېمال كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارغا گىرىم بۇيۇملىرى ئىستېمالىنىڭ خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ، يېقىندا مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان گىرىم بۇيۇملىرى كەسپىنى تۈزەش ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇرۇلغان ھەرىكەت ئىكەن، بىراق توردا يەنىلا «دورىلىق گىرىم بۇيۇمى» ئۇقۇمىغا چېتىلىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ تەشۋىقات قىلىنىپ «ئېقىپ يۈرگەن» مەھسۇلاتلار مەۋجۇت ئىكەن، بۇنداق ئەھۋالدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «سەمىمىي ئەسكەرتمىسى»نى چاپلىشى تەلەپ قىلىنىپ، كىشىلەرگە بىلدۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.

  دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى جايلاردىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن گىرىم بۇيۇملىرىغا قارىتا «تورنى ساپلاشتۇرۇش، مەنبەنى تازىلاش» خەۋپ-خەتىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشنى، قاراتمىلىق ھالدا گىرىم بۇيۇملىرىنى توردا ئارىلاپ تەكشۈرۈش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر