باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار شىنجاڭغا كېلىپ يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدى

2019.04.30 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 21- چېسلادىن 29- چېسلاغىچە شىنجاڭدا جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى»غا كىرىپ، مەخسۇس تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، 24 دۆلەتتىن كەلگەن 39 مۇخبىر شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىغا بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئېكولوگىيەنى تۈزەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق تېمىلار بويىچە زىيارەتتە بولدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، ئالقىشقا ئېرىشكەن مەبلەغ سېلىش تۇپرىقىغا ئايلاندى. جياڭسۇ جىنشېڭ گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدا تۇراقلىق مۈلۈككە سالغان مەبلىغى 10 مىليارد يۈەنگە كەتكەن، شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10 مىڭغا يەتكەن. شىركەت قارمىقىدىكى جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان 70 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يىپ ئېگىرىش ماشىنىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ماراكەش مۇخبىرى لۇئاڭ ماخاگۇب بۇنىڭغا قايىل بولۇپ، ئارقا-ئارقىدىن پاپىرىن ئوقۇدى.

  شىنجاڭ بولسا، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ جايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۈپ، ئۇلار نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلاپ كەلدى. مۇخبىرلار شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىگە بېرىپ، ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى؛ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئۆزگىچە يەرلىك ساپال بۇيۇملىرى، مىس بۇيۇملار، دوپپا ۋە چالغۇلار بازىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى؛ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى شىنجاڭ مىللىي چالغۇلار كەنتىدە مىللىي چالغۇلارنى ياساش جەريانىنى كۆرۈپ، قول ھۈنەرۋەنلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىن كەلگەن مۇخبىر ئەھمەد ئارال ئىككى دانە «كىچىك» دۇتارنى خاتىرە سۈپىتىدە سېتىۋالدى.

  مۇخبىرلار يەنە ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى زىيارەت قىلدى. توغراق باغچىلىرى بىلەن قاپلانغان كورلا شەھىرى لۇڭشەن باغچىسى بولسا، 20 نەچچە يىل ئىلگىرى يەنىلا بىر پارچە قالايمىقان تاش-تاقىر تاغ بولۇپ، شەھەر قۇم-بورانلىرىنىڭ بۆشۈكى ئىدى. 83 ياشلىق ۋاڭ چېڭباڭ بوۋاي كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ 20 نەچچە يىللىق مەجبۇرىيەت كۆچەت تىكىش ھېكايىسىنى تونۇشتۇردى. لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى روبىن دىكسون ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بوۋاينىڭ قىلمىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەۋلادلارغا قىممەتلىك بايلىق قالدۇردى.

  جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار يەنە شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى، نەچچە مەسچىت ۋە كەسپىي ماھارەت تەلىم ـ تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

  قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە مۇخبىرى پەرۇق توكات ئاساسىي قاتلامدىكى دىنىي سورۇن قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا «خەلقئارا نەزەر سېلىش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى ۋالۋى تومپسون قەشقەر ۋە ئاتۇش كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بىز ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆردۇق، ئۆگەنگەن بىلىم ۋە ماھارەت ئۇلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  مۇقىملىق «پايدا»نىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. 2018- يىلى شىنجاڭدا بىر يىلدا ساياھەت قىلغانلارنىڭ سانى 150 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئاشقان بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %40تىن ئېشىپ كەتتى. ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

  رۇسىيە مۇخبىرى ئاندرې ياشلاۋسكىي مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىم، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى كۆردۈم، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر