باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بالىلارغا ئالتە ياشتىن ئىلگىرىكى ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

2019.05.06 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاممىۋى سورۇن ئەخلاقنى ئەڭ سىنايدىغان جاي. توردا تارقالغان مۇنداق بىر گۇرۇپپا كۆرۈنۈشلەر بار: مېترودا بىر كىچىك ئوغۇل بالا ئىچىپ بولغان سۈت قۇتىسىنى تاشلىۋېتىپ، يۇقىرى ئاۋازدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ، تۇتقۇچتىكى ئاسما ھالقىنى تارتىپ، ئۇياق-بۇياققا موللاق ئاتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتە بىر ئانا ئۆزىنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىسىنى قۇچاقلاپ ھەم بالىنى راھەت ئۇخلاتماقچى بولىدۇ، ھەم بالىنىڭ ئايىغىنىڭ ئورۇندۇقنى دەسسەپ مەينەت قىلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنىڭ سومكىسىنى بالىنىڭ ئايىغى ئاستىغا قويۇپ قويىدۇ. بۇ يەردە ئوخشاشلا بالىلارنى ئېلىپ سەپەرگە چىققانلار بولسىمۇ، ئەمما تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل «ئائىلە تەربىيەسى» ھەرىكىتى يۈز بەرگەن.

  كىشىلەر دائىم «ئاتا-ئانا قانداق بولسا، بالا شۇنداق بولىدۇ» دېيىشىدۇ. نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان مەزگىل بالىلارنىڭ كەيپىياتى شەكىللىنىدىغان مۇھىم مەزگىل، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پىسخىكا تەتقىقات ئورنى پىسخىكا ساغلاملىق ئەمەلىي مەركىزىنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىسى جېڭ لىنىڭ قارىشىچە، بۇ گەپنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار، بالا ئاتا-ئانىنىڭ «كۆپەيتمە نۇسخىسى»، ئۇنىڭ كۈندىلىك ئىپادىسى ئاتا-ئانا ساپاسىنىڭ نامايەندىسى. نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ۋاقىت بالىنىڭ كەيپىياتىنىڭ يېتىلىدىغان مۇھىم مەزگىلى، ئاتا-ئانىنىڭ ئىجتىمائىي قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش-قىلماسلىقى بالىلارغا ناھايىتى زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، بۇ مەزگىلدىكى بالىلار ئاتا-ئانىلارنى ئۈلگە قىلىدۇ، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆز - ھەرىكىتىنى كۆزىتىدۇ ھەمدە بۇنى دورايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بالىلارغا ياخشى ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تاماق ئۈستىلىدىكى قائىدە-يوسۇندىن تارتىپ جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان بولۇشقىچە ئۇنى بالىلارغا ئۆگىتىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ھەر ۋاقىت باشقىلارنى ئويلىشى كېرەك. تەربىيە كۆرگەن كىشىنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا قىلغان بىر ياخشى ئىشى ئۇنىڭ تەربىيەسىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ يەردە كۆپچىلىككە ئىككى تەكلىپ بېرىمىز، بۇ ئارقىلىق بالىلارغا تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.

  1. ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى كونترول قىلىش. 0 ~ 6 ياشلىق بالىلار كەيپىياتىنى يوشۇرۇشقا ماھىر ئەمەس، خۇشال بولمىسا يىغلايدۇ، خۇشال بولسا كۈلىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا كەيپىياتنى كونترول قىلىشنى ئۆگەتمىسە، مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئاسانلا ئۇرۇشقاقلىق، ئوقۇشنى رەت قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار كۆرۈلىدۇ. بالىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاساسەن ئاتا- ئانىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئانىنىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن كېلىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىسىنىڭ ئالدىدا كەيپىياتىنى كونترول قىلالمىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، «توغرا ئوقۇپ مەشىق قىلىش»نى قوللىنىپ، دىققىتىنى نەپەس ئېلىشقا بۇراپ، ئۆزىنى ئاستا-ئاستا تىنچلاندۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن بالىلار بىلەن سۆزلەشسە بولىدۇ.

  2. بالىلارنىڭ خاتالىقىنى ۋاقتىدا توسۇش كېرەك. بالا ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنالمايدۇ، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىغا ئەقلىي ھۆكۈم قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا تەربىيە بېرىشى كېرەك. مەسىلەن، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدا زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىش، كىشىلەرگە ئەدەپسىزلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسا، ئاتا-ئانىلار دەرھال توسۇشى ھەمدە ئۇلارغا خاتالىقنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن جازانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، قانداق قىلسا توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كىچىك خاتالىقلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالسا، بالىلارنى باشقۇرۇش، تەربىيەلەش تېخىمۇ تەس بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر