باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

60 ياشقا يېقىنلاشقانلار ئون ساغلاملىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك

2019.04.30 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا غەربىي ۋىرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئائىلە مېدىتسىناسى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى دانا كىڭ پىروفېسسور 60 ياشقا يېقىنلاپ قالغانلارنىڭ تۆۋەندىكى بۇ ئون خىل ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، ساغلام ھالدا ياشانغانلىق باسقۇچىغا كىرىشى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

  بىرىنچى، سۈپىتى ياخشى تەنھەرىكەت ئايىغى سېتىۋېلىش. ئامېرىكىدىكى «ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش» تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى كارولىن روسبرات مۇنداق تەكلىپ بەردى: ياشانغانلار ھەرىكەت قىلىشنى ئاۋۋال پىيادە مېڭىشتىن باشلىسا بولىدۇ، ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى پىيادە مېڭىش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن بىر جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى سېتىۋالغىنى ياخشى. ئادەتتە تەنھەرىكەت ئايىغىنى ئىشىك ئالدىغا قويۇپ، دائىم ھەرىكەت قىلىشنى ئۆزىگە ئەسكەرتىپ تۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، يىقىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش. يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولسا ياخشى بولغان تەڭپۇڭلۇق تۇيغۇسىنى ساقلاشتۇر.

  ئۈچىنچى، ناشتىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش. خىزمەتتىكى چاغلاردا ئەتىگەندە ۋاقىت قىس بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ناشتىلىقنى دائىم ئەپلەپ-سەپلەپ قىلىدۇ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ۋاقىت يېتەرلىك بولغاچقا، ناشتىلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. يېڭى ۋاقىتتىكى مېۋىلەرنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ياكى كۆكتات، مېۋە شەربىتىنى ئۆزى سىقىپ ئىچىش، ۋىتامىن، مىنېرال ماددا ۋە يېمەكلىك تالالىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ. ئادەتتە تۇز، شېكەر ۋە ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش، تاتلىق-تۈرۈملەرنى ئاز يېيىش، شېكەرسىز سودا سۈيىنى تاتلىق گازلىق ئىچىملىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، چوڭقۇر خىيال قىلىشنى مەشىق قىلىپ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش. ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ساغلام بولغان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

  بەشىنچى، قارشىلىققا تاقابىل تۇرۇش مەشىقى قىلىپ، مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇش. دائىم قارشىلىق كۈچى مەشىقى ئېلىپ بېرىش، مەسىلەن، ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى، ئىشتانكا، گانتېل، بىرىكمە ئۈسكۈنە قاتارلىقلار ئارقىلىق كۈچ مەشىقى قىلىش مۇسكۇل كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  ئالتىنچى، يەر يۈزى بىلەن ئۇچرىشىش مەشىقىنى كۆپرەك ئىشلەش. ياشانغانلار دائىم پولدا «يەرگە تىزلىنىپ ئولتۇرۇش، ئورنىدىن تۇرۇش» مەشىقىنى قىلىپ بەرگەندە، پۇت مۇسكۇلىنىڭ كۈچى ۋە بوغۇمىنىڭ جانلىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

  يەتتىنچى، سۈرئىتىگە جەڭ ئېلان قىلىش. ئەنگلىيەدىكى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، پەي توپ، تىكتاك توپ، تېننىس توپ قاتارلىقلارغا قاتناشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن بولىدىكەن، چۈنكى بۇ ھەرىكەتلەر بەدەننىڭ يۈرەك، ئۆپكىنىڭ چىدامچانلىقى، كۈچى، سۈرئىتى، ماسلىشىشى، ئەۋرىشىملىقى، تەڭپۇڭلۇقى، سەزگۈرلۈكى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پالاقلىق ھەرىكەتلەر يەنە كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىغا ئىگە، قىزىقارلىق ھەم كۈچلۈك بولۇپ، كىشىلەر ھەرىكەتنى تېخىمۇ ئاسان ئۇزاققا داۋاملاشتۇرالايدىكەن.

  سەككىزىنچى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ساقلاش. «ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، ئادەم ئەڭ بەك ئىشىنىشى كېرەك بولغىنى دەل ئۆزىدۇر». بۇ 71 ياشلىق يازغۇچى كاتلېرنىڭ پىسخىكىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى تەسىراتى. ئۇ: «كىشىلەر ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلارنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ»، دەيدۇ.

  توققۇزىنچى، نىشاننى بېكىتىش ۋە تاماملاش. ئۆزىگە نىسبەتەن ئەھمىيەتلىك بىر پىلان تۈزۈش ھەمدە نىشاننى ئورۇنداش لازىم.

  ئونىنچى، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش. كونىلاردا قېرىغىچە ئۆگىنىش دېگەن گەپ بار، ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر