مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تايلاند پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ۋاجىرالونغا تاج كىيدۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2019.05.05 15:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ماي، تايلاند پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ۋاجىرالونغا تاج كىيدۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالىيلىرىغا تاج كىيدۈرۈلگەن پەيتتە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەمدە ئۆزۈمنىڭ نامىدا سىز ۋە تايلاند خەلقىنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈرىمەن. سىز جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، جۇڭگو- تايلاند دوستلۇق ئىشلىرىغا ئۇزاق مۇددەت كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ كەلدىڭىز. مەن جۇڭگو-تايلاند مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو- تايلاند ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمەن. تايلاند پادىشاھلىقىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى، خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىنى تىلەيمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ