باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭنىڭ "يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار" خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2019.05.06 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ "يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار" خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى .

  يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بولسا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، "ئىككى 100 يىل"لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىليونلىغان دېھقانلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ماسلىشىپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى، يېڭى دەۋردە "يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار" خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش تۇتقىسى ھېسابلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە. يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇش-بولماسلىقى، يېزىلارنىڭ گۈزەل بولۇش-بولماسلىقى ۋە دېھقانلارنىڭ باي بولۇش-بولماسلىقى مىليونلىغان دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى، ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ ساپلىقى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ "يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار" مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، "يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋەدېھقانلار" خىزمىتىدە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ "يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار" خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق نىشان ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى "يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار" خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت "يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار"نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى يېزىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر