باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى %53.6نى ئىگىلىدى

ئېلىمىز تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى مەسىلىسىگە ئارىلىشىشنى قانات يايدۇرىدۇ

2019.04.30 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى 29- چېسلا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2018- يىلى مەملىكەت بويىچە بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى %53.6گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتە ياشلىق بالىلار %14.5نى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى %36.0نى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى %71.6نى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى %81.0نى ئىگىلىگەن. بۇ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈل ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  2018- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە، 2018- يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەشنى قانات يايدۇردى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش مەملىكەت بويىچە 1033 يەسلى ۋە 3810 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنى قاپلىدى، 1 مىليون 117 مىڭ 400 بالا تاللاپ تەكشۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يەسلى بالىلىرىدىن 69 مىڭ 200ى، ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 1 مىليون 48 مىڭ 200ى بار ئىكەن.

  تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى كەسكىن بولۇپ، تۆۋەن ياش باسقۇچىدىكىلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك مەسىلىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىكەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى سىنىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆرلەپ بېرىشىغا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە ئاشقان، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا 1- يىللىقتىكى %15.7دىن 6- يىللىقتىكى %59.0گە يەتكەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا تولۇقسىز 1- يىللىقتىكى %64.9دىن تولۇقسىز 3- يىللىقتىكى %77.0گە يەتكەن. ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى بولسا، ئېلىمىزنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ياش باسقۇچى بولۇپ قالدى. يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. تولۇق ئوتتۇرا 3- يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكى، يەنى يىراقنى كۆرەلمەسلىك دەرىجىسى 600 گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنداقلار يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئومۇمىي سانىنىڭ %21.9نى ئىگىلەيدۇ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك بولسا، كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولغاچقا، ئاسانلا بىر قاتار ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولۇش ۋە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. كۆزىتىشتىن يەنە بايقىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك زىيانلىق ئامىللار كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت ئىكەن. مەسىلەن، %67 ئوقۇغۇچىنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت ۋاقتى ئىككى سائەتكە يەتمەيدىكەن، %29 ئوقۇغۇچىنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت ۋاقتى بىر سائەتكە يەتمەيدىكەن، %73 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر كۈنى ئۇخلاش ۋاقتى ئۆلچەمگە يەتمەيدىكەن، دەرستىن كېيىنكى تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتى ۋە يېقىن ئارىلىقتا كۆز ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىلمىي يوسۇندا ئىشلەتمەسلىكتەك ناچار بولغان كۆز ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. يۇقىرىقى ئامىللار يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، بۇ ئېلىمىزدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنىڭ چۈشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر