باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ كونتې بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.30 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى : ئىتالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى. جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئىتالىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، ئىتالىيەنىڭ جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىش، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا داۋاملىق ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ماۋرېر بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شۋېتسارىيە يېڭى جۇڭگونى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ھەمدە يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، جۇڭگو بىلەن شۋېتسارىيە دوستانە ئالاقە ئەنئەنىسىگە ئىگە. جۇڭگو شىۋىتسارىيە بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىنى بالدۇراق باشلاشنى خالايدۇ.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. جۇڭگو كامبودژانىڭ دوست قوشنا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كامبودژا بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئۇزاقتىن بۇيان بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى. بىز پاكىستان بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،« بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى پاكىستان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو ـ پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر