باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن بىرلىكتە باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2019.04.30 08:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن تۈنۈگۈن بېيجىڭنىڭ يەنچىڭدە 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن بىرلىكتە باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  كەچ سائەت 7 لەردە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن گۈيرۈي كۆلى بويىغا جايلاشقان جۇڭگو سارىيىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى كىرىش زالىدا چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى كۈتۈۋالدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسىدىكى فىلىمنى كۆردى ھەمدە يېشىللىققا تولغان دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېما تېمى ئالدىدا كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شى جىنپىڭ ئەرـ ئايال ۋە چەتئەللىك مېھمانلار جۇڭگو سارىيىنىڭ شىمالىي جۇڭگو، غەربىي شىمالدىكى ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆرگەزمە رايونىغا كىرىپ، جايلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆسۈملۈك ۋە نەپىس باغۋەنچىلىكىنى تاماشا قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئەزىز مېھمانلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى ۋە پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو سارىيى مول يەرلىك مەدەنىيەتنى نامايان قىلىپ، گۈزەل باغۋەنچىلىك ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى مۇجەسسەملىدى بۇ بىزنى گۈزەل باغۋەنچىلىكتىن ھۇزۇرلاندۇرۇپلا قالماي، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ يېشىل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى.

  چەتئەل رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە باغۋەنلەرنىڭ ھۈنەرۋەنلىك ماھارىتىنى ئارقا-ئارقىدىن ماختاپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رەڭگارەڭ گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن چەتئەللىك مېھمانلار بىلەن بىللە يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىغا كەلدى. ئۇلار كامبودژا، چېخ، جىبۇتى، قىرغىزىستان، بىرما، نېپال، پاكىستان، ياپونىيە، سىنگاپور ۋە تاجىكىستاننىڭ گۈللۈكىنى تەرتىپ بويىچە ئېكسكۇرسىيە قىلدى. 10 دۆلەت گۈللۈكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت گۈلى، ئۆزگىچە گۈل-گىياھ لايىھەسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت مەنزىرىسى ۋە تەبىئىي مەنزىرىسىنى نامايان قىلغان، دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى دۇنيا خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان كاتتا مەرىكە ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان. چەتئەللىك مېھمانلار جۇڭگونىڭ ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، بېيجىڭ دۇنيا باغچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە «دوستلۇق بوستانلىقىنى بىرلىكتە يىتىشتۈرۈش» مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ قۇت بۇيىمى «شياۋمىڭ گۈلى» ۋە «شياۋمىڭ بىخى» سىياقىدا ياسىنىۋالغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھىمايىسىدە چەتئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن بىرگە چىملىققا چىقتى، جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ۋە بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان پىدائىيلار ئۇلارنى ئىككى تەرەپتە تۇرۇپ قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ ۋە چەتئەل رەھبەرلىرى چىملىقنىڭ مەركىزىدىكى كۆچەتلەر ئالدىغا كېلىپ، گۈرجەكلەر بىلەن توپا يۆلىدى ھەمدە كۆچەتلەرنى سۇغاردى. «دوستلۇق بوستانلىقىنى بىرلىكتە يېتىشتۈرۈش» مۇراسىمىغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەتئەل رەھبەرلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر