مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

«ئەڭ گۈزەل پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى»دىن ئۆگىنىش، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ

2019.05.08 15:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى بىرلىكتە «2019 - يىللىق <ئەڭ گۈزەل پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى>دىن ئۆگىنىش، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، جەمئىيەتتە «ئەڭ گۈزەل پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى»دىن ئۆگىنىش، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى .

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ئالىملىرىنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەيدىغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ تىپلىرىنى تەشۋىق قىلىشى، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئەڭ گۈزەللەردىن ئۆگىنىش، تىرىشىپ ئەڭ گۈزەل بولۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش داۋامىدا ئالدىدا مېڭىپ، تىرىشىپ زور پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ياراتقۇچى، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىكى تۆھپىكار، ئالىيجاناب ئىدىيە-پەزىلەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، دۇنيا بويىچە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ