مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشتى، كېلەر ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ

2019.05.08 16:41

  مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ھاۋارايى ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىمالىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلىشىدىكەن، 5-ئاينىڭ 9-كۈنىنىڭ ئالدى- كەينىدە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەشكە باشلايدىكەن.

  ئەتىيازدىكى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈنمەس قولغا ئوخشاش، ھەر قېتىم كەلگىنىدە «يامغۇرنىڭ جۈمىكى»نى ئېچىپ قويىدۇ. 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، «يامغۇرنىڭ جۈمىكى» ئاساسەن ئېتىلىپ باقمىدى، بەزىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىنى «سۇغاردى»، بەزىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىنى «نەمدىدى».

  بىراق، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەدرىجى چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى تاغلىق رايونلاردا يەنىلا يامغۇر ئۈزۈلمىدى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بەزىدە ئوچۇق بولدى. شىنجاڭ ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى جاڭ يۈنخۇينىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆرلەش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولغان.تاكى 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن كېيىن، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى تېزلىشىدىكەن.

  5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغدى. 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغدى. 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، قومۇل شەھىرىدە ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا توختىماي يامغۇر ياغقان، 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 8گىچە، ھۆل-يېغىن مىقدارى جەمئىي 22.4 مىللىمېتىرغا يەتكەن.

  5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىستانسا باشلىقى جاۋ دېلۇڭ مۇنداق دېدى: «5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا ھاۋا ئاساسەن بۇلۇتلۇق بولىدۇ، 5-ئاينىڭ 6-، 7-كۈنلىرى، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃17 ئەتراپىدا، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃9 ئەتراپىدا بولىدۇ».

  5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ℃20 تىن يۇقىرى بولىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ