مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ سۇ مۇھىت سۈپىتى تۇنجى قېتىم رەتكە تۇرغۇزۇلدى: لۈلياڭ ئەڭ ناچار بولدى

2019.05.08 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى 7-ماي ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ يەر ئۈستى سۈيىنى تەكشۈرۈش كەسمە يۈزىنىڭ مۇھىت سۈپىتى رەت تەرتىپىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ يىل 1-پەسىلدە يائەن ، لەيبىن ، يۈنفۇ قاتارلىق 30 شەھەرنىڭ دۆلەت يەر ئۈستى سۈيىنى باھالاش كەسمە يۈزى سۇ مۇھىت سۈپىتى نىسبەتەن ياخشى بولغان، لۈلياڭ ، يىڭكوۋ، شىڭتەي قاتارلىق 30 شەھەرنىڭ سۇ مۇھىتى سۈپىتى نىسبەتەن ناچار بولغان.

  2019-يىلى 1-پەسىلدىن باشلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ھەر پەسىلدە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ دۆلەت يەر ئۈستى سۈيىنى باھالاش كەسمە يۈزى سۇ مۇھىت سۈپىتى ئەھۋالى ۋە ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزۇشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت يەر ئۈستى سۈيىنى باھالاش كەسمە يۈزى سۇ مۇھىت سۈپىتى نىسبەتەن ياخشى بولغان ئالدىنقى 30 شەھەر ۋە نىسبەتەن ناچار بولغان ئارقىدىكى 30 شەھەرنىڭ تىزىملىكى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندىكى سۇ مۇھىتى سۈپىتىنى ياخشىلاش دەرىجىسى نىسبەتەن ياخشى بولغان ئالدىنقى 30 شەھەر ۋە نىسبەتەن ناچار بولغان ئارقىدىكى 30 شەھەرنىڭ تىزىملىكى ھەمدە شۇ شەھەرنىڭ مۇناسىپ دۆلەت يەر ئۈستى سۈيىنى باھالاش كەسمە يۈزىدىكى سۇنىڭ نامىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ