مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە :

دۇنيا بويىچە مىليونلىغان جانلىقلار تۈرى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى

2019.05.08 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت 6- ماي پارىژدا ئېلان قىلغان «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسى دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىشنى باھالاش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى 8 مىليون جانلىقلار تۈرى ئىچىدە، 1 مىليونى ئىنسانلار پائالىيىتى تۈپەيلىدىن نەسلى قۇرۇپ كېتىش تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا، دۇنيادىكى بۇ تۈرلەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئوتتۇرىچە سۈرئىتى 10 مىليون يىل ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. بۇ 1800 بەتلىك دوكلات 2005- يىلى ب د ت مىڭ يىللىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، دۇنيانىڭ تەبىئىي مۇھىتىغا بولغان ئەڭ ئومۇميۈزلۈك بىر قېتىملىق باھالاش، دۇنيادىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىندى .

  بۇ دوكلاتنى ب د ت رامكىسى ئاستىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسى ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىلمىي سىياسەت سۇپىسى ( I P B E S )ئېلان قىلغان، بۇ 50 نەچچە دۆلەتنىڭ 400دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسىنىڭ ئۈچ يىللىق تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ، تەتقىقات ساھەسى لەيلىمە جانلىقلار، بېلىق، مارجان ۋە ئورمان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياشاش ئورنى ئازىيىش، تەبىئىي بايلىقلارنى زىيادە ئېچىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە بۇلغىنىش قاتارلىقلار بولسا، دۇنيادىكى جانلىقلار تۈرلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ، دۇنيا بويىچە %40تىن ئارتۇق قوش ماكانلىق ھايۋانلار تۈرى، 33% مارجان ۋە ئۈچتىن بىر قىسىم دېڭىز-ئوكيان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنىڭ بىلەن نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

  دوكلاتتا يەنە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇن پائالىيەتلىرى ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. سانائەتلەشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئىنسانلار يەر شارىنىڭ %75 يېرى ۋە %66 دېڭىز-ئوكياننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئارتۇق يېرى ۋە تۆتتىن ئۈچ قىسمى تاتلىق سۇ زىرائەت تېرىش ۋە چارۋا بېقىشقا ئىشلىتىلدى، ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا، ھازىر باشقا تۈرلەرگە تېخىمۇ تەھدىت سالماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ