مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مېخانىزم ئورنىتىش بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش

ئىلى ئوبلاستىدىكى تەپتىش ئورگانلىرى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىللىككە چېتىشلىق جىنايەتلەرگە دەل جايىدا زەربە بەردى

2019.05.08 16:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ شۇخەن، مېھرىگۈل غوپۇرنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بۇ مەھكىمە جامائەت خەۋپسىزلىكى، سوت مەھكىمىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىللە ئىمزا قويۇش، قولغا ئېلىش، ئەرز قىلىش دەۋاسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، گۇمانلىق دېلولارنى كېڭىشىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، زەربە بېرىشتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى يۇقىرى بېسىم بىلەن باشلاش، دەل جايىدا كۈچەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

  «بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش» خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، ئىلى ئوبلاستىدىكى ئىككى دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى چوڭقۇر قېزىش، ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېجىرىپ بولغان مۇھىم، زور دېلولارنى قايتا قاراپ چىقىشنى قانات يايدۇرۇپ، «كۈنلۈكنى بۇزۇپ، چىۋىنگە زەربە بېرىش» يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق دېلو، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىقلارنى قولغا ئالمىغان، ئەرز قىلمىغان دېلو، باغلىنىشلىق دېلو (توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، ئۆكتەملىك قىلىپ جېدەل چىقىرىش قاتارلىق جىنايەتلەر) قاتارلىقلارغا قارىتا نۇقتىلىق ھالدا بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. ئۆزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، تەپتىشلەردىن دېلولارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق يىپ ئۇچلىرىنىڭ چۈشۈپ قالغان - قالمىغانلىقىنى، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ئاخىرغىچە چوڭقۇر قېزىلىپ، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈلگەن - تەكشۈرۈلمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ، قەتئىي ھالدا ھەرقانداق بىر قىممىتى بار يىپ ئۇچىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق تەلەپ قىلىندى.

  «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش دېلو يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمەت مېخانىزمى»غا ئاساسەن، تەپتىش تارماقلىرى تەھقىقلەشنى نازارەت قىلىش، ئەيىبلەش، جىنايى جازانى ئىجرا قىلىش، ئەرز - شىكايەت قىلىش، ھەق تەلەپ مەمۇرىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئىچكى قىسمىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يىپ ئۇچىنى ئىچكى قىسىمدا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دېلو باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرتىپنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش، سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش تۈرىدىكى دېلولارنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، خاتالىشىش، چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئەرز - شىكايەت قىلغۇچى تارماقلار زىيارەتنى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر ھېساباتى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق قەرەللىك ھالدا يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، قايتما ئىنكاس قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارغا يىپ ئۇچىنى دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بەردى. تەپتىش ئورگىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى، سوت مەھكىمىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن خىزمەتنى ئۇدۇللاشتۇرش ۋە ماسلىشىشتا، «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش دېلولىرىدىكى تەھقىقلەش، قولغا ئېلىش، ئەرز قىلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى» قاتارلىق ئۈچ مېخانىزمنى ئورتاق بىللە ئىمزالاش ئارقىلىق ئالدىن ئارىلىشىش، دەلىل - ئىسپات ئېلىشقا يېتەكلەش، قولغا ئېلىش، ئەرز قىلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، گۇمانلىق دېلولاردا كېڭىشىش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېلو بېجىرىش جەريانىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، دېلو سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، زەربە بېرىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، زەربە بېرىش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىلى ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەنە تەۋەلىكىدىكى 11 ناھىيەلىك، شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. غۇلجا ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، نىلقا ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى تەھقىقلەش ئورگانلىرى رازۋېدكا قىلىۋاتقان بەش يىپ ئۇچىغا، بېجىرىۋاتقان 13 دېلوغا قارىتا سىستېمىلىق رەتلەش ۋە تەھلىل ئېلىپ باردى ھەم دەلىل - ئىسپاتلارنى بىرلەشتۈرۈپ قانداق تەھلىل قىلىش، دەلىل - ئىسپاتلارنى يىغىشتا يۆنىلىشنى قانداق بېكىتىش، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايىتىنى قانداق بېكىتىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرگە بىر - بىرلەپ جاۋاب بېرىپ، بىر - بىرلەپ يېتەكلەپ، يۈزتۇرا ھەل قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ