خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريول 22-ئىدارىسى گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلۇش خادىملىرى گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولى ماڭياخۇ 2-نومۇرلۇق چوڭ كۆۋرۈكىگە T لىم ئورناتماقتا.
شۇ كۈنى، چىڭخەي گولمۇدتىن شىنجاڭ كورلىغىچە بولغان تۆمۈريولىنىڭ چىڭخەي بۆلىكى لىنىيەسى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1214 كىلومېتىر كېلىدىغان گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۈرى بولۇپ، گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولىنىڭ چىڭخەي بۆلىكىدە بۇ يىل 6- ئايدا رېلىس ياتقۇزۇش تاماملىنىدۇ، تۆمۈر يولنىڭ پۈتۈن لىنىيەسى 2020-يىلى پۈتۈپ، قاتناش باشلىنىش مۆلچەرلەنمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ