مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايوننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 6- قېتىملىق يىغىن ئاچتى

مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس مەسىلىلىرىنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك

2019.05.08 16:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 6- قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىن مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن 1- قېتىملىق خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە، مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1- باسقۇچلۇق نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك خىزمىتىنى تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، تېخىمۇ ياخشى سىياسىي ئاڭلىقلىق، تېخىمۇ چوڭ سىياسىي مەسئۇلىيەت، تېخىمۇ ئەمەلىي خىزمەت تەدبىرلىرى بىلەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ئۆز قەرەلىدە تاماملاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال ئۆزگەرتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس مەسىلىلىرىنى ئۆلچەمگە توغرىلاپ، كەسكىن پوزىتسىيە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق دەرھال تۈزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە ئېنىقلانمىغىچە قويۇۋەتمەسلىك، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمىگىچە قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش جايىدا بولمىغىچە قويۇۋەتمەسلىك، ئامما رازى بولمىغىچە قويۇۋەتمەسلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تۈزىتىش تىزىملىكىنى تۈرمۇتۈر تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىشكە مەسئۇل تارماق ۋە مەسئۇل كىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش مۇددىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەربىر مەسىلىنىڭ جايىدا تۈزىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار كۆرسىتىلگەن مەسىلىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە زىچ باغلاپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تۈزىتىش نىشانىنى مىقدارلاشتۇرۇپ، تۈزىتىشنى قەرەلىدە تاماملىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىشەنچ، ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. دىققەتنى قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولغان نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق كەسىپلەر، نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زەربە بېرىش تىغ ئۇچىنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، ئامما ئەڭ قاتتىق نەپرەتلەنگەن تۈرلۈك قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىگە قارىتىپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مۇھىم، زور دېلولارنى، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى، ئارقىسىدىكى «مۇناسىۋەت تورى» «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى چوڭقۇر قېزىپ، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە قارا كۈچلەر بولسا قارا كۈچلەرنى تازىلاپ، رەزىللىك بولسا رەزىللىكنى تۈگىتىپ، قالايمىقانچىلىق بولسا قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش كېرەك. بىر قولدا قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى، بىر قولدا ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، قوزغاشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر مەيدان قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش خەلق ئۇرۇشى قىلىش كېرەك.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ