چوڭ يۆنىلىش: ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەنگە ئايرىلىشى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ بۇ قېتىمقى سەككىز ئۆلكىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2021-يىلىدىن باشلاپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر مەدەنىيەت دەرسىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى «2+1+3»دىن تەركىب تاپىدۇ. «3» مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەن تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەت ئەل تىلى بولۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئىمتىھان بېرىدۇ؛ «1» ئالدى بىلەن تاللانغان پەن تۈرى بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى بېرىدىغان فىزىكا، تارىخ پەنلىرىدىن بىر پەننى تاللىشى كېرەك؛ «2» قايتا تاللاش تۈرى بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر خىمىيە، بىيولوگىيە، ئىدىيەۋى-سىياسىي، جۇغراپىيەدىن ئىبارەت تۆت پەندىن ئىككى پەننى تاللايدۇ.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تاللاپ ئىمتىھان بېرىش پەن تۈرى ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكى ئىككى خىل بىرىكمىدىن، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ئۆلكىلەردىكى 20 خىل بىرىكمىگە، ئۇنىڭدىن ھازىرقى 12 خىل بىرىكمىگە ئۆزگەردى، ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇكى، ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ئىجتىمائىي-تەبىئىي پەن ئايرىمىچىلىقى بۇزۇپ تاشلاندى.
قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى: «ئىككى ئاساس، بىر پايدىلىنىش» بولۇپ، بىرىنچى تۈركۈم، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا 14 ئۆلكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا «ئىككى ئاساس، بىر پايدىلىنىش»تا چىڭ تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشتىن پايدىلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەندىزىسىمۇ تۈركۈم بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، تۈركۈملەرنى بىرلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىشتىن بىرىنچى تۈركۈم، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقىچە ئۆزگەردى. مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارنى ئارزۇ تولدۇرغاندا كەسىپنى ئالدىن ئويلىشىپ، ئىلگىرىكى «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇسىمۇ ياخشى كۆرىدىغان كەسىپنى تاللىيالماسلىق»تىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.
كەسىپ تەسىس قىلىش: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق كەسىپلەرنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش، كىيىم-كېچەك ۋە كىيىم - كېچەك لايىھەلەش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا 2018-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىنى ئەنگە ئېلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان تولۇق كۇرس كەسىپلىرىدە ئەنگە ئېلىنغىنى ئەڭ كۆپ بولغىنى سانلىق مەلۇمات ئىلمى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى، ماشىنا ئادەم قۇرۇلۇشى، ئەقلىي ئىقتىدار ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قۇرۇلۇشى ئىكەن. يېڭىدىن كۆپەيتىشنى تەستىقلاش ئەڭ كۆپ بولغىنى تولۇق كۇرس كەسپى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى قاتارلىقلار ئىكەن. ئەڭ كۆپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كەسىپ كىيىم-كېچەك ۋە كىيىم-كېچەك لايىھەلەش، مائارىپ تېخنىكىسى ئىلمى، ئۇچۇر ۋە ھېسابلاش ئىلمى، مەھسۇلات لايىھەلەش، ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان.
ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش: كۆلىمى كىچىكلەپ، بوسۇغىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «2019-يىلى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ «10 قاتتىق» تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى ئاساسىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى مۇۋاپىق قىسقارتىپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش سالاھىيەت شەرتىنى چىڭىتىپ، ئاددىي ھالدا ئىلمىي ماقالە، پاتېنت، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقە (پائالىيەت) قاتارلىقلارنى ئىمتىھان بېرىش شەرتى ۋە دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسى قىلىشنى مەنئى قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم، دەپ ئېنىق تەلەپ قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى