مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ كۆرگەزمە باغچىسى: «تىيانشاندىن كەلگەن مېھمان» ساياھەتچىلەرنى باشلاپ زامان - ماكاندىن ھالقىدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

2019.05.08 16:43 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  بىر دانە قىپقىزىل چوڭ ئانار ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتقان كىشىلەر توپى ئارىسىدا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ كۆرگەزمە باغچىسىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئانار ھەيكىلى ساياھەتچىلەرنى ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلماقتا ئىدى. كۆرگەزمە باغچىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى سىلىتسىيلاشقان ياغاچ ئۈستىدە «تىيانشاندىن كەلگەن مېھمان» دېگەن تۆت چوڭ خەت كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. بۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن ساياھەتچى ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇ شىنجاڭ كۆرگەزمە باغچىسى ئىكەن، تېز بولۇڭلار، كىرىپ ئايلىنىپ چىقايلى!» دەپ دوستلىرىنى چاقىرىشاتتى.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن 40 مىڭ تۈپكە يېقىن دەرەخ، چاتقال، گۈل - گىياھ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەنىدى. قىز - يىگىتلەر كۆرگەزمە باغچىسىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتتى، ساياھەتچىلەر ناخشا ئاۋازى چىقىۋاتقان تەرەپكە قاراپ ماڭاتتى. بۇنداق چاغدا ما جىشىن دائىم كۈلۈمسىرىگىنىچە ساياھەتچىلەرنى كۆزىتەتتى. «شىنجاڭ باغچىسىنى سەيلە قىلغاندا، كۆڭۈل قويسىڭىزلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايقىيالايسىز.» 5- ئاينىڭ 4- كۈنى شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىنىڭ بۇ ئالدىنقى سەپ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «بۇ باغچىدا نۇرغۇن مەزمۇنلار بار».

  «شىنجاڭ زال سىرتى كۆرگەزمە باغچىسى يىپەك يولى باغۋەنچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى كۈچەپ نامايان قىلدى» دېدى ما جىشىن دەرۋازا ئالدىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «قاراڭ، ئۇ سىلىتسىيلاشقان ياغاچ يىراق قەدىمكى زاماندىكى دەل - دەرەخلەرنىڭ <جەۋھىرى>، ساياھەتچىلەر كۆرگەزمە باغچىسىغا كىرىپ ئەمەلىيەتتە يىراق قەدىمكى زاماندىن تا ھازىرغىچە بولغان ئۆسۈملۈك ۋە باغۋەنچىلىككە ئائىت ۋاقىت ساياھىتى قىلىدۇ».

  «تىيانشاندىن كەلگەن مېھمان» دېگەن تۆت چوڭ خەت ئويۇلغان سىلىتسىيلاشقان ياغاچنى ئايلىنىپ ئۆتكەندە، جىمجىتقىنە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توغراقنى كۆرگىلى بولىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ كۈرمىڭ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن غولىنى سىيلايتتى، شىنجاڭغا كېلىپ باققان بەزى كىشىلەر: «بۇ دەرەخ مىڭ يىلغىچە قۇرۇپ كەتمەيدۇ، قۇرۇپ كەتسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ» دەپ پىچىرلىشاتتى.

  ئەمما، باشنى كۆتۈرگەندە، قويۇق ھاياتلىق پۇرىقىنى سەزگىلى بولاتتى. پۈتكۈل شىنجاڭ زال سىرتى كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆكەرتىلىش نىسبىتى %70كە يېتىدۇ. توغراق بىلەن بىللە شىنجاڭ تېرىكى، تىيانشان شەمشادى، كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، يۇلغۇن قاتارلىق نۇرغۇن دەرەخ تۈرلىرى ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسكەن تېرەك، يوپۇرماقلىرى ياشىرىپ تۇرغان شەمشاد، شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان يۇلغۇن، شاخلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن ئەرمۇدۇن مىڭ يىللىق توغراق بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغانىدى. «بۇ دەرەخ تۈرلىرى شىنجاڭغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بوستانلىقنى قوغدايدىغان مۇھىم توسۇققا ئايلانغان.» ما جىشىن مۇنداق دېدى: «ئۇلارغا قارىسىڭىز، ھازىرقى شىنجاڭنى كۆرگەندەك بولىسىز».

  ۋاقىت قەدەمگە ئەگىشىپ توختىماي ئىلگىرىلەپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە ئالما، ياڭاق، نەشپۈت قاتارلىق ئۆزگىچە مېۋىلىك دەرەخلەر تارقاق جايلاشقان. «شىنجاڭنىڭ نامايان قىلغىنى يىپەك يولى باغۋەنچىلىكى، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى يېزا ئىگىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىدا. ھەر يىلى ئەتىياز كىرگەندىن باشلاپ، شىنجاڭدا ئاۋۋال ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلالايسىز، ئارقىدىنلا نەشپۈتمۇ چېچەكلەيدۇ، ئۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئالما چېچەكلەيدۇ، 22 مىليون مو يەردىكى خاس مېۋىلىك دەرەخلەر كىشىلەرگە ئۈزلۈكسىز گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ.» ما جىشىن مۇنداق دېدى: «ئۇ گۈزەللىك ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە بايلىقمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىر باغ - ئورمانچىلىق شىنجاڭنىڭ مۇھىم خاس كەسپى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەزى رايونلاردا باغ - ئورمانچىلىق كىرىمى ھەتتا شۇ جايدىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ %50ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى».

  بۈك - باراقسان ئۆسكەن مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئايلىنىپ ئۆتكەندە، يېڭى ئۆسكەن توغراق نوتىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇلار شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا دەريا - ئېقىنلار سۈزۈكلىشىۋاتىدۇ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىزلىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، تەبىئىي ئورمانلار كەڭ كۆلەمدە ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، سۇلۇق يەر كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ، بىپايان زېمىندا ھاياتلىق كۈچى ئۇرغۇۋاتىدۇ. «تاشقاتمىدىن يۇمران كۆچەتكىچە، كىشىلەر ھاياتلىق كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.» ما جىشىن مۇنداق دېدى: «چىقىش ئېغىزىغا بىر نەپىس ئۈزۈم كارىدورى ياسىدۇق. شىنجاڭدا كىشىلەر ئەڭ بەھرىمەن بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ياز كۈنلىرى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا مېۋىلەرگە ئېغىز تەگكەچ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشتۇر، مانا بۇ بەخت - سائادەتنىڭ ئۆزى».

  5- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 11گىچە، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن 330 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى باغچە رايونىغا كىردى، شىنجاڭ كۆرگەزمە باغچىسى پايدىلىق ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو سارىيىنىڭ يېنىدىكى گۈللۈك ئالدىدا، ئوخشاش بولمىغان ئىرقتىكى، ئوخشاش بولمىغان تىلدىكى، ئوخشاش بولمىغان تەلەپپۇزدىكى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭ كۆرگەزمە باغچىسىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايتتى. «تىيانشاندىن كەلگەن مېھمان» چەكسىز يىللارنى ئازادە بىر چىغىر يولغا مۇجەسسەملەپ، كىشىلەرنى گۈزەل مەنزىرىگە باشلاپ كىرىپ، ۋاقىت ساياھىتىدىن بەھرىمەن قىلدۇرۇۋاتاتتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ