مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئافغانىستان «بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى»نى ئېلان قىلدى

2019.05.07 15:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستاننىڭ شۇ جايدىكى تاراتقۇلىرىنىڭ 6- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 5- چېسلا پايتەخت كابۇلدا «بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى»نى رەسمىي ئېلان قىلغان.

  ئافغانىستاننىڭ 2- مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ساۋال دانىش 5- ماي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئافغانىستاندا %44 بالىلار ئوقۇشتىن توختاپ قالدى، ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن بىخەتەرلىك تەھدىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ناچار ئادەتلەر ئافغانىستاندىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالدى.

  ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئافغانىستان ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇۋەققەت ۋەكىلى شىما سېن گۇپتا مۇنداق دېدى: ئافغانىستاندا جەمئىي 3 مىليون 700 مىڭ بالا ئوقۇشتىن توختاپ قالدى، بۇنىڭ ئىچىدە %60ى قىز بالا. بۇ دۆلەتنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا %85 قىز بالا ئوقۇشتىن توختاپ قالغان.

  ئافغانىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئابدۇل بەشىر ئەنۋەر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ بالىلارغا يۇقىرى سۈپەتلىك سەھىيە ۋە مائارىپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ھەمدە ئۇلارنى قوغداپ، زوراۋانلىق، خورلاش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش قاتارلىق تەھدىتلەردىن ساقلاش مەسئۇلىيىتى بار. ئۇ يېتەرلىك مەبلەغ كەمچىل بولغانلىقى، شۇنداقلا جىددىي بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بالىلارغا كېرەكلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

  ب د ت ئافغانىستان ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى جەمئىي 3062 بالا ئافغانىستاندىكى تۈرلۈك توقۇنۇشلاردا قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 927 بالا ئۆلگەن، 2135 بالا يارىلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ