مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

باھاردا يېزا - كەنتلەرنىڭ كەيپىياتى يېڭىلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

2019.05.08 16:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4- ئايدىكى شىنجاڭدا بارلىق مەۋجۇداتلار جانلىنىپ، ھەممە جاي باھار تۈسىگە چۆمدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، يىراققا نەزەر سالغاندا، بىپايان ئېتىزلىقلاردا تىرىشىپ ئەمگەك قىلىۋاتقانلارنىڭ سىيماسى، گۈزەل يېزا - كەنتلەردىكى كىشىلەرنىڭ بەختلىك تەبەسسۇملىرى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بولۇپ قالدى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى سىجىل مۇقىم ئاشتى؛ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، گۈزەل يېزا - كەنتلەر كىشىلەرنىڭ گۈزەل يۇرتىغا بولغان سېغىنىشىنى قوزغىدى؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات - ئىسلاھاتىغا ئائىت تۈرلۈك سىياسەتلەر ئارقا - ئارقىدىن چىقىرىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى تېز پويىزىغا چىقتى... يېزا - كەنتلەرنىڭ ھەممىلا يېرى جۇشقۇنلۇققا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  ■ تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى

  4- ئاينىڭ 1- كۈنى، غۇلجا شەھىرى قارا دۆڭ يېزىسى يېڭىھايات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سۇڭ پېيدې ئەتىگەندىلا يېزا ئىگىلىك ماتېرىياللىرى بازىرىغا كېلىپ، كۆكتات تېرىقچىلىقىغا ماس كېلىدىغان بىيولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تاللىدى، ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ھەربىر تۈردىكى مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەركىبىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلمىدى.

  «ئىلگىرى مەھسۇلات مىقدارىغىلا ئەھمىيەت بېرەتتۇق، ھازىر سۈپەتكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدۇق.» سۇڭ پېيدې مۇنداق دېدى: مەن ھازىر كۆكتات تېرىغاندا مەھەللىۋى ئوغۇت ۋە بىيولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىدىغان بولدۇم، خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە ئادەتتىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتىم، ئىشلەپچىقارغان كۆكتاتلىرىمنىڭ تەمى ياخشى بولغاچقا قارشى ئېلىنىپلا قالماي، تۇپراقمۇ ئىلگىرىكىدەك ئۇنداق ئاسان تاتىراڭلىشىۋالمايدىغان بولدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  ھازىر، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى مەركەز قىلىپ قانات يايدۇرۇلغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن دېھقانلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  ئاشلىق كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ناھىيە گۇچۇڭدا، لى چياڭ بۇ يىللىق ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتاتتى.

  لى چياڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 10 مىڭ مولۇق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئورگانىك ئېتىراپنامە ئېلىشنى تاماملىدى، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان ھەر كىلوگىرام ئورگانىك ئۇننىڭ بازار باھاسى 20 يۈەنگە يېتىپ، ئۈنۈمى ئادەتتىكى ئۇننىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى، بازار ئىستىقبالى پارلاق. «بۇ يىل ئورگانىك بۇغداينى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپى بويىچە، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئاشۇرىمىز.» لى چياڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يۇقىرى سۈپەتلىك بۇغداي تېرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون سېلېن تەركىبى مول، ئورگانىك، چىڭ تالالىق بۇغداينى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە داڭلىق ماركىلىق رېتسېپلىق ئۇننى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل تېرىقچىلىق تېخنىكا مەشغۇلات قائىدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە ئاساس سالدى. پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تەپەككۇرى بويىچە ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ماشىنىدا پاختا يىغىش كۆلىمى 10 مىليون مودىن ئاشتى. سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى يەنە بىر يېڭى بالداققا كۆتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسىلىق ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى بىخەتەر ناھىيە بەرپا قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇردى، كۆكتات، چارۋا - ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىم تۇردى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش ئاساسى يەنىمۇ پۇختىلاندى.

  ■ گۈزەل يېزا - كەنتلەر بەرپا قىلىنىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ياخشىلاندى

  4- ئاينىڭ 14- كۈنى، قورغاس ناھىيەسىنىڭ سەندىخوزا يېزىسى تارجى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما سۈيلەن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، بىز يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى داۋاملىق گۈزەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كەنتكە كېلىپ دېھقانلار مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز».

  ما سۈيلەن مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئەمەلىيلىشىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن كەنت ئاھالىلىرى ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، تارجى كەنتىنىڭ كەنت قىياپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. كىشىلەرنىڭ روھىي قىياپىتىمۇ يېڭىلاندى، كۆپچىلىكنىڭ گۈزەل يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

  يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان يېزا - كەنت قۇرۇش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە. بۇ ئىككى يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىدە ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى %53.39 مەمۇرىي كەنتنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى يىغىۋېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىندى، %61.24 يېزا - بازار ئەخلەتنى يۆتكەپ توشۇش ئەسلىھەسى ئورناتتى، %53.7 دېھقان ئائىلىسى ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتتى، %13.8 مەمۇرىي كەنت شەھەر - بازارلارنىڭ يۇندى باشقۇرۇش تورىغا كىرگۈزۈلدى ياكى تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ئورناتتى، يېزىلاردىكى يۇندىنى قالايمىقان چىقىرىش، قالايمىقان تۆكۈش قاتارلىق مەسىلىلەر دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلەندى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايون «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى بويىچە 2019- 2020- يىللىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش لايىھەسىنى تۈزدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مۇھىت پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار بولۇشنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، ئۈچ دەرىجىگە ئايرىپ، «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى پەلەمپەيسىمان ئالغا سىلجىتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بارلىق مەمۇرىي كەنتلەردە ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش، ھويلا - ئاران مۇھىتىنى تۈزەش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، بۇلغىما چىقىرىش، ئەخلەتلەرنى تازىلاش، لاتقا تازىلاشتىن ئىبارەت ئالتە ئىشنى ياخشى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ پاكىز ھاجەتخانىسى بولۇش، ھويلا - ئارانلىرى پاكىز، رەتلىك بولۇش قاتارلىق نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، 1000 مەمۇرىي كەنتنى تاللاپ «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش»نى قانات يايدۇردى، نۇقتىلىق ھالدا كەنت ئۇل ئەسلىھەسى، ئاممىۋى مۇلازىمەت، يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش، يۇندى، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەنە ئاساسىي شارائىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان 100 كەنتنى تاللاپ، يېزا - كەنت ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، ساياھەتكە، ئىشقا ئورۇنلىشىش - ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان دېھقانلارنىڭ بەختلىك يۇرت - ماكانى ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىستىراھەت گۈلىستانى بەرپا قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

  ■ ئىسلاھات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلدى

  4- ئاينىڭ 19- كۈنى، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ داچۇەن يېزىسى شۇاڭچۈەن دېھقانلار يەر پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خې خۇڭتاۋ ئەتىگەندىلا ئېتىز بېشىغا كەلدى. بىرنەچچە چوڭ تىپتىكى سېيالكا ئىشقا كىرىشىپ، ئاستا - ئاستا ئېتىزلىققا ھەيدەپ كىرىلىپ، كۆز يەتكۈسىز سالا ئېتىزلار ئىچىدە تۈپتۈز ئىلگىرىلەپ، سولياۋ يوپۇق يېپىش، ئۇرۇق سېلىش خىزمىتىنى بىر قېتىمدىلا تاماملىدى، بىر سېيالكا بىر كۈندە 140 مو يەرگە كېۋەز تېرىش خىزمىتىنى تاماملىيالايدۇ. خې خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: بىر ھەپتە ۋاقىتتا ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز 40 مىڭ مو يەرگە ئۇرۇق سېلىش پىلانىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىيالايدۇ.

  خې خۇڭتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىدىن نەپ ئالغاچقا، 2018- يىلى، شۇاڭچۈەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېۋەز مو بېشى كىرىمى 1100 يۈەنگە يېتىپ، 2017- يىلىدىكىدىن %7 ئاشتى.

  ئىسلاھات - تەرەققىياتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولغىنى يالغۇز پاختىكارلارلا ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە بېرىش، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون 35 مىليون مودىن كۆپرەك تېرىلغۇ يەرنى ئەمەلىي ئۆلچەشنى تاماملىدى، يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، مۇقىم ھۆددىگە بېرىش ھوقۇقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش ئاساسىدا، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قويۇپ بېرىپ، ھۆددىگە ئالغان يەرنى ئوبوروت قىلىش ۋە رەنىگە قويۇش قاتارلىق ھوقۇق ۋە فۇنكسىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك قەدىمىنى تېزلەتتى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشقا يەنىمۇ يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، «يېزا يېرىنى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئاساسىدا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىدىكى ئۇششاق دېھقاننىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىلەندۈرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ