مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يىپەك يولىدا يەلكەننى چىقىرىش دولقۇنغا ئەگىشىپ يىراققا يۈرۈش قىلىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۈجاۋ، ۋاڭ شىڭرۈي، لى ياڭ

2019.05.08 16:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا تەڭداشسىز ئورۇن ۋە رولغا ئىگە، بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، غەربكە ئېچىۋېتىلگەن ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا يۇغۇرۇشى كېرەك.

  ـــ شى جىنپىڭ

  ■ سەمىمىي تاپشۇرۇق

  «ئەگەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلسا، شىنجاڭ ئۇنىڭ ئاۋات مەركىزى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، باشقىنى دېمەيلا تۇرايلى، ئۈرۈمچى ھازىر رادىئۇسى 1500 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەڭ چوڭ شەھەر، شۇ چاغقا بارغاندا قانداق مەنزىرە شەكىللىنەر؟» باش شۇجىنىڭ بۇ تەسۋىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى.

  ئۇ بىر ئىللىق باھار ئىدى. 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا قارىتا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىغا چۆمۈلۈپ، باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىكى مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، غەربكە ئېچىۋېتىلگەن ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا يۇغۇردى.

  ■ شىنجاڭ بىلەن دۇنيانىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇش

  [تىيانشاننىڭ يېڭى قىياپىتى] 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئىللىق قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرغان بىر كۈن بولدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ كېمىڭ ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ قازاقىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنى كەسمە چۆپى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە خېمىر يۇغۇرۇش، خېمىر كېسىش، چۆپ تارتىش، چۆپ قۇرۇتۇش، ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئىش تەرتىپى تېز سۈرئەتتە تاماملىنىپ، ئاخىرىدا بۇ كەسمە چۆپلەر ھەرقايسى چوڭ دۇكان، تاللا بازىرىغا كىردى ۋە تاماق ئۈستەللىرىگە چىقتى. بۇ يەردە، ئىمپورت ماتېرىياللار جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق توشۇلىدۇ، يېقىن ئەتراپتىكى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ئىمپورت قىلىشتا باجدىن خالىي بولۇش ۋە مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشتا باجنى قايتۇرۇشتەك ئالاھىدە سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ يۈك مەيدانىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى لىق قاچىلانغان چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى تەق بولۇپ، قورغاس پورتىنىڭ 6- ئەۋلاد دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، قازاقىستانغا كىرىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇلتۇر، 6- ئەۋلاد دۆلەت دەرۋازىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، تۈرلۈك قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، پىرىيوم - كارانتىن تارماقلىرى بىلەن تاموژنا بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈشكە مەلۇم قىلىش بىر قېتىمدىلا مەلۇم قىلىنىپ تاماملاندى. ئاپتوموبىللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئىلگىرىكى ئۈچ سائەتتىن بىر يېرىم سائەت ئەتراپىغا قىسقاردى.

  شۇ كۈنى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان قەشقەر مودېڭ رۈيلېي كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىدە كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ تاراقلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، 350تىن ئارتۇق ئىشچى پاختىلىق كىيىم تىكىۋاتاتتى. بۇ پاختىلىق كىيىملەر تۇنجى بېكەتتە چىڭداۋ پورتىغا توشۇلىدۇ، ئاندىن 40 كۈن دېڭىزدا توشۇلغاندىن كېيىن، ئوكيان ھالقىپ، ئاخىرىدا ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا رايونىدىكى سودا سارايلارغا يەتكۈزۈلىدۇ. «قەشقەردە ياسالغان» «شىنجاڭدا ياسالغان» مەھسۇلاتلار شۇ ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلىنىدۇ.

  ئۈچ كونكرېت، بىر بۆلەك ۋاقىت ئوقى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئوبرازلىق سىزىپ بەردى.

  بۇ پۇرسەتلەر بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقىنى كۆزقاراشنىڭ ئۆزگىرىپ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسەت يىرىك پىلان سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بەش چوڭ مەركەز» «ئون چوڭ ئىمپورت - ئېكسپورت كەسىپلىرى توپلانغان رايون» قاتارلىق مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانلىرىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو - قازاقىستان، جۇڭگو - تاجىكىستان، جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ھەمكارلىقىغا قاتنىشىش، يولغا قويۇش پىكرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تۈزۈپ تارقاتتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنىڭ سىمفونىيەسىنى يەنىمۇ ياڭراتتى.

  [مۇخبىرنىڭ تەسىراتى] شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا، باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىنچىكە پىلانلاپ، ئىجتىھات بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەچكە، خۇشاللىنارلىق نەتىجە قەغىزى ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، ئارزۇدىن ھەرىكەتكىچە غايەت زور تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلىۋاتىدۇ.

  ■ غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ ھېكايىسىنى داۋاملىق يېزىش

  [تىيانشاننىڭ يېڭى قىياپىتى] باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ دەۋر ئاتا قىلغان بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ ھېكايىسىنى داۋاملىق يېزىپ يېڭى سەھىپە ئېچىۋاتىدۇ.

  رادىئۇسى 1500 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئۈرۈمچى ئەڭ سەرخىل بولغان باشلىنىش سىزىقى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما رولى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كۆپلىگەن قۇرۇقلۇق پورت قۇرۇلۇشلىرىدا شەرقتىن غەربكە يۈرۈش قىلىش، ئىچ بىلەن سىرتنى تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەپ، ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تىرەك بولۇپ، «مال توپلاش، باغچە قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش» ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، يوقلۇقتىن بار بولۇشقىچە، تەدرىجىي يادرولۇق رايون سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىدىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندى.

  ئۈرۈمچىدىن 400 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئالاتاۋ پورتى ئاپتوموبىل، ئاشلىق توشۇش، گۆش تۈرلىرىنى توشۇش، تىرىك چارۋىلارنى توشۇش، ئۆسۈملۈك مايسىسى توشۇش قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىش بويىچە بەلگىلەنگەن پورت سالاھىيىتىنى تەستىقلىتىپ بولغان بولۇپ، ئىمپورت قىلىنغان دورىلار، چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن مېۋە - چېۋىلەر، ئىمپورت قىلىنىپ توڭلىتىلىپ يېڭى ساقلىنىدىغان سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بەلگىلەنگەن پورتتا مەلۇم قىلىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، پورت يەنە خەلقئارالىق تۆمۈريول پوچتا يوللانمىسى ئالماشتۇرۇش بېكىتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەت سۇپىسىدا رەسمىي تىجارەت باشلىدى.

  600 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قورغاسنىڭ «قوش غەرب تاشيولى» پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، قورغاستىن قازاقىستاننىڭ ئالمائاتاغىچە بولغان ئارىلىق ئەسلىدىكى 378 كىلومېتىردىن 306 كىلومېتىرغا قىسقارتىلىپ، مۇساپە ئىلگىرىكىدىن ئىككى سائەت قىسقارتىلىپ، جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى بىلەن قازاقىستان تەرەپنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى تۇتاشتۇرۇلىدۇ ھەم ئۈچىنچى دۆلەتكە ئۇزارتىلىدۇ.

  1400 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەردە شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ قەشقەردىن ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغىچە بولغان كۆپ خىل شەكىلدە ئۇلاپ توشۇش نۆۋەتچى پويىزى ئىلگىرى - كېيىن قاتنىدى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قەشقەرگىچە ئۇزارتىلدى. جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان سودا يولىدا نورمال تىجارەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو ـــ ئوتتۇرا ئاسىيا - غەربىي ئاسىيا ئىقتىساد كارىدورىنىڭ ماللىرى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئارقىلىق تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە ئەتراپتىكى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا ياخشى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى نامايان قىلدى.

  2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، 15 دۆلەت، 20 خەلقئارا (رايون)لىق شەھەرلەر بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارىسىدا قاتناش باشلاندى؛ ئاپتونوم رايونىمىز بەش چېگراداش دۆلەت بىلەن خەلقئارا يول تىرانسپورت لىنىيەسىدىن 111نى ئاچتى؛ تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندا دېڭىز بويىدىكى ئەركىن سودا تەجرىبە رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەجرىبىلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ئومۇملاشتۇرۇش باشلاندى؛ 98 دۆلەت ۋە رايون بىلەن چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنى قانات يايدۇردى، چېگرا ھالقىپ راسچوت قىلغان ئەمەلىي كىرىم - چىقىم جەمئىي 307 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  [مۇخبىرنىڭ تەسىراتى] باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭ ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. شىنجاڭ باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، چوڭ بىرلىشىش، چوڭ يۇغۇرۇلۇش، چوڭ تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

  ■ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

  [تىيانشاننىڭ يېڭى قىياپىتى] ئېقىن بېشىدا مەزمۇت تۇرۇپ ئېيتتۇق بوران قوشىقىنى، كۆرۈڭ بۈگۈن بىزنىڭ بەزمىگە چۈشۈپ ئىلگىرىلىگىنىمىزنى. باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

  ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىلدە ئۇلاپ توشۇش تاموژنا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەركىزى مەيدان پونكىتىدا كىران كونتېينېرلارنى توختىماي بىر - بىرلەپ كۆتۈرەتتى، چۈشۈرەتتى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەشيا ئوبوروت تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كىرىپ چىقاتتى، ئۇلارنى كۈتۈۋاتقىنى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن پات ئارىدا ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپاغا قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى ئىدى.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شاۋخۇا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، بىز يەنە يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى قوزغىتىشنى پائال قولغا كەلتۈرىمىز، شۇ چاغقا بارغاندا بۇ يەر تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ».

  ھازىر، ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىلدە ئۇلاپ توشۇش تاموژنا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، چېگرادىن كىرگۈزۈش بويىچە بەلگىلەنگەن پورتنى ئىلتىماس قىلىپ قۇرۇش، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ يىغىلىش مەركىزىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، چېگرا ئىچىدىكى تاشقى سودا ئەشيا ئوبوروتى نۇقتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تېز قۇرۇلۇۋاتىدۇ.

  ليۇ شاۋخۇا مۇنداق دېدى: «<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىملىقى، ئۆزگىچىلىكىنى تولۇق تونۇپ، سۇبيېكتلىق ئېڭى، پۇرسەت ئېڭى، يادرولۇق رايون ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>دىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىمىز».

  ئاپتونوم رايونلۇق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن «بىر پورت» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىمىز؛ «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت بەرگەن «كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىنى بەش يىل كەچۈرۈم قىلىش» قاتارلىق ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن ياخشى، يېتەرلىك پايدىلىنىپ، قورغاس، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى يادرولۇق رايوننىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى ئىككى مۇھىم تىرەك نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز؛ سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىنى يېتەكچى قىلىپ، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، مەدەنىيەت - پەن - مائارىپ مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى ۋە رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىشكە تۈرتكە بولىمىز؛ دۆلەت دەرىجىلىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 19 پورتقا تايىنىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئۆتەڭ ئىگىلىكى»نىڭ «كەسىپ ئىگىلىكى»گە، «پورت ئىگىلىكى»گە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىمىز.

  [مۇخبىرنىڭ تەسىراتى] كۈرمىڭلىغان تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، لېكىن يەنە تاغ - داۋانلاردىن ئېشىشقا، دەريالارنى كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، شىنجاڭ يەنە تېخىمۇ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇننى ئىزھار قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىنى ئېچىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا داۋاملىق چاقنايدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ