مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى بىر كۈن ئىشلەتسە قان تەركىبىدىكى خىمىيىلىك تەركىب ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىدىكەن

2019.05.08 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك كىچىك كۆلەملىك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتاپتىن ساقلاش مېيىنى بىر كۈن ئىشلەتسە، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم خىمىيەلىك ماددىلار ئادەم بەدىنىدىكى قانغا كىرىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەۋىيەسى ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۆلچىمىدىن يۇقىرى ئىكەن .

  ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى دورا باھالاش ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 24 نەپەر ساغلاملىق پىدائىيسىنى يىغىپ سىناق قىلىشقا قاتناشتۇردى. تەتقىقاتتا پىدائىيلار ئۇدا تۆت كۈن، ھەر كۈنى تۆت قېتىم گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئوخشاش بولمىغان خۇسۇسىيەت ۋە ماركىدىكى ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى پۈتۈن بەدەننىڭ %75 تېرىسىگە سۈركىگەن.

  پىدائىيلار تۇنجى كۈنى ئاپتاپتىن ساقلاش مېيىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار قان تەركىبىدىكى ئوكسى بېنزول قاتارلىق ئۈچ خىل خىمىيەلىك تەركىبنىڭ دەرىجىسى داۋاملىق ئۆرلەپ، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى ئىشلىتىش توختىتىلغاندىن كېيىن، بۇ خىمىيەلىك تەركىبلەر پىدائىيلارنىڭ تېنىدە ئاز دېگەندە 24 سائەت ساقلانغان.

  كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇنى بىخەتەر، دەپ قارىغانلىقتىن، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىغا ئىلگىرى ئامېرىكىدا دورا تۈرىدىكى بىخەتەرلىك سىنىقى ئېلىپ بېرىلمىغان. ئەمما، بۇ قېتىمقى تەتقىقاتچىلار شۇنداق دەپ قارىغانكى، كىشىلەرنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاپتاپتىن ساقلاش مېيىنىڭ تەركىبىنى قوبۇل قىلىشتىن كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ كلىنىكىلىق ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش زۆرۈر ئىكەن. تەتقىقات دوكلاتى 6- چېسلا نەشر قىلىنغان «ئامېرىكا مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»غا بېسىلغان.

  بىراق، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى روبېرت كالىف شۇ مەزگىلدە ئېلان قىلغان بىر ئوبزورىدا مۇنداق دېگەن: ئىستېمالچىلار ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قېنىدىكى خىمىيەلىك تەركىبى «يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۆلچىمىدىن خېلىلا يۇقىرى دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكى بۇ تەركىبلەرنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ». تەتقىقاتقا قاتناشمىغان باشقا مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتتا پىدائىيلارنىڭ ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى ئىشلىتىش مىقدارى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىش مىقدارىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ