مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» تەستىقلاپ تارقاتتى

يول يۈك تىرانسپورت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2019.05.08 15:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ «يول يۈك تىرانسپورت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تەستىقلاپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بىخەتەر، مۇقىم، ئىقتىساد يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يول يۈك تىرانسپورت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يول يۈك تىرانسپورت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «پىكىر»دە دىققەت نۆۋەتتىكى يول يۈك تىرانسپورت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بەش جەھەتتىن 14 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ