مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى

2019.05.09 13:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ماي تەكلىپكە بىنائەن سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن پادىشاھ ئالىيلىرى بىلەن ئۆزئارا زىيارەت قىلىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، تېز تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق. بۇ يىل 2-ئايدا ۋەلىئەھد مۇھەممەد جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى ھەمدە جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈدىغان زور مەسىلىلەردە ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللاپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ.

  جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە «2030 مەنزىلى» ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى، جۇڭگو بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2020- يىلى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ ۋە پائال قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ