شى جىنپىڭ سىياسىي جەھەتتە ساقچى قوشۇنى قۇرۇش، ساقچىلارنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ساقچىلارنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ساقچىلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دېدى

2019.05.09 15:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنى 5-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي شارائىتتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ساقچى قوشۇنى قۇرۇش، ساقچىلارنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ساقچىلارنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ساقچىلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خەۋپسىزلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان چىگىش، مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى -سىرتىدىكى ئىككى ئومۇمىيەت __ تەرەققىيات، خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خەۋپسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت داۋامىدا، بىز جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى چوقۇم ياخشى يەكۈنلەپ، ياخشى پايدىلىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ قەتئىي، توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلارنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزام قاتتىق بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان، سىناقلاردىن ئۆتكەن يۇقىرى ساپالىق جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇپ ۋە ئىگىلەپ، بارلىق ساقچىلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن-ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. بارلىق ساقچىلارغا توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك. پارتىيەنىڭ كادىر باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مەزگىلدىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى بويىچە ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ياخشى تاللاش ۋە سەپلەپ كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، ئۈنۈم ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كۈتسىز ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ