مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيەت سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ

2019.05.10 15:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ لىن 9-ماي گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاسىيا مەدەنىيەت سۆھبىتى يىغىنىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ ھەمدە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئاسىيا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمى، پاراللېل مۇنبەر، ئاسىيا مەدەنىيىتىنى تەبرىكلەش، ئاسىيا مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 110 تۈردىن ئارتۇق ئالاقىدار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ رەڭدار سېھرىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى تولۇق نامايان قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ