مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

توي ھۇجرا قىزىقچىلىقى ئۆرپ-ئادىتىنى ناچار ئۆرپ-ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويمايلى

ئا مېڭ

2019.05.10 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجڭىدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شەندۇڭنىڭ شىنشيەن ناھىيەسى ھۆججەت تارقىتىپ، چاكىنا، ناچار، خەتەرلىك بولغان توي ھۇجرا قىزىقچىلىقى ھادىسىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى قارار قىلدى.

  توي ھۇجرا قىزىقچىلىقى ئەسلىدە بىر خىل ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى كېلىپ، يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەرنىڭ تويىغا قاتنىشىپ، ئۇلار ئۈچۈن ئازراق قىزىقارلىق ئويۇن تەييارلاپ، بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇننى كۈلكىگە قويۇپ، توي مۇراسىمىغا ئازراق كەيپىيات يارىتىپ بېرىدۇ، كۆپچىلىك بۇنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىپ، چاقچاق ئۇلغۇيۇپ كەتسە، ئۆرپ-ئادەت ناچار ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىپ، ياخشى بولمايدۇ.

  ناچار ئۆرپ-ئادەت بەزىدە تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش ئاسانلا يۇقىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناچار ئۆرپ-ئادەتنىڭ مودا بولۇش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، بەزى كىشىلەر توي ھۇجرا قىزىقچىلىقىنى باھانە قىلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەدەپسىزلىك قىلىپ، توي قىلغانلارغا يامان نىيەتتە ناچار قىلىقلارنى قىلىپ، «غەلىتە توي ھۇجرا قىزىقچىلىقى»نىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولماقتا. مەسىلەن، توي قىلغان يىگىتنى دەرەخكە باغلاپ قويۇش، يىگىتكە ئاياللارنىڭ ئىچ كىيىمىنى كىيگۈزۈش، قىزنىڭ ئاتىسىنىڭ يۈزىگە قازاننىڭ قارىسىنى سۈركەش، كېلىننىڭ كىيىمىنى زورلاپ يىرتىپ سالدۇرۇش قاتارلىقلار، ھەتتا بەزى ھۇجرا قىزىقچىلىقى ئىشلىرىنى ئېيتىشقىمۇ كىشىنىڭ تىلى بارمايدىغان دەرىجىگە يەتتى.

  ئۆرپ-ئادەت ناچار ئۆرپ-ئادەتكە ئايلانسا ئۆرپ-ئادەتكە، جەمئىيەت تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، ناچار ئۆرپ-ئادەت سەۋەبىدىن جېدەل-ماجىرا كېلىپ چىققان، ھەتتا جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا سەۋەپچى بولغان دېلو مىساللىرى ئاز ئەمەس. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنشيەن ناھىيەسى «ئۈنۈملۈك تەدبىر» ئېلان قىلىپ، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرگە قارىتا تەدبىر قوللانغىنى ئىنتايىن جايىدا بولغان، بەزى كىشىلەرنىڭ توي ھۇجرا قىزىقچىلىقى نامىدىن پايدىلىنىپ چاكىنىلىق قىلىشى، رەزىللىك قىلىشىغا چىداپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەمەلىي مەشغۇلات قاتلىمىغا چۈشكەندە، قانداق قىلغاندا ئۇ چاكىنا ئۆرپ-ئادەت «قولى»نى باشقۇرغىلى بولىدۇ؟ مېنىڭچە، تۈزۈم بەلگىلەپ يولغا قويۇش، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى، قانۇن ئىجرا قىلىش، زەربە بېرىشتىن ئىبارەت بىر قانچە باسقۇچنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ، دەپ قارايمەن. رىئايە قىلىشقا بولىدىغان بەزى پىرىنسىپلارنى تۈزۈپ ھەمدە كەڭ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئاممىغا توي ھۇجرا قىزىقچىلىقىدىكى ناچار ئۆرپ-ئادەتنىڭ زىيىنىنى بىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەدەنىي ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش؛ بەزى سەلبىي تىپلارنى تۇتۇپ، قانۇن بويىچە تۈزەپ، ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئويناش كېرەك. ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن تۇتۇش قىلىپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي تۇتقاندىلا، ئاندىن بۇنداق ناچار كەيپىياتنى ئاستا-ئاستا ئوڭشىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ