مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

لى جەنشۇ كورىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.05.09 14:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا كورىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ۋېن شىياڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كورىيە يېقىن قوشنا ۋە مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكلىرى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ مۇن جېيىننىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئەسلىگە كەلدى ۋە تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلار ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتى. جۇڭگو كورىيە بىلەن ھەر قايسى قاتلام، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، جۇڭگو-كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يېقىندا، جۇڭگو 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول»خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش پىرىنسىپى، ئىدىيەسى ۋە نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن كورىيە ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان ھەمكارلىقنى قەتئىي قوللايدۇ. بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرگەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن كورىيە پارلامېنتى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، بىر-بىرىنىڭ سىياسىتىنى چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. ئىككى تەرەپنىڭ قويۇق دوستلۇق ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋېن شياڭ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، نۆۋەتتە كورىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلىش يولىغا قايتىپ كەلدى، كورىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ۋە سۆھبىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كورىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى خالايدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ