مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى ئېگىزلىكنى بەرپا قىلىش لازىم

2019.05.09 13:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8-ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ۋە يۇمشاق دېتال كارخانىلىرىغا قارىتا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەبلەغنى ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىن جەمئىي 219 ى بار بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، مالىيە كىرىمى مەملىكەت بويىچە %10 ئۆپچۆرىسىدە، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %20 ئەتراپىدا، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ناھايىتى زور يېڭى يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  بىرىنچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشىنى قوللاپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، سىغىم كەملىكىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. سودىگەر چاقىرىش نەتىجىلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ تەكشۈرۈپ رىغبەتلەندۈرۈشىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش خادىملىرىغا نوپۇس، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى، ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. جايلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا تېخىمۇ زور بولغان ئىسلاھاتتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئادىل باشقۇرۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىياسەتلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلار سىياسەتنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرسا بولىدۇ. دۆلەتنىڭ چوڭ ئىلىم- پەن تەجرىبە قۇرۇلمىسى ۋە دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ. رايون ئىچىدىكى پەن تەتقىقات يۇرتى-ئورۇنلىرىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدىكى كەشپىيات نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇپ ئېرىشكەن پايدىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا قاتناشقان پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا بېرىپ، نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاشتا، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلەر %50 بويىچە ئازايتىپ ئىش ھەققى تاپاۋىتىگە ھېسابلاپ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشقا بولىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرى ۋە كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىنى ئورتاق قۇرۇشى قاتارلىقلارنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ پۇقراۋى كاپىتال كىرگۈزۈش ۋە چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈپ، ئۆزگىچە كەسىپلەر رايونى ئېچىش، تىجارەت قىلىشى قاتارلىقلارنى قوللاپ، شياڭگاڭ-ئاۋمېن رايونى ۋە چەت ئەل ئاپپاراتلىرى، كارخانىلىرى، كاپىتالىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق رايونى تىجارىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قۇرۇشنى قوللاش كېرەك. شارائىتى يار بېرىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىدا كاپىتال تۈرلىرىنىڭ كىرىم-چىقىمىنى قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق سىناقلارنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ.

  تۆتىنچى، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم كەسىپ تۈرلىرىنى ئالدى بىلەن رايون ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى يېتىشتۈرۈش ھەرىكىتى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش» سەۋىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك كاپىتالنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادقا مەبلەغ سېلىشى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ