مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

(1+1) نۇقتىئى نەزەرى

ئاممىۋى قاتناش شوپۇرىنى بىر شاپىلاق سېلىپ، تۆت يىللىق كېسىلدى، قانۇننى بىلمەسلىك تېخىمۇ خەتەرلىك

جياڭ مېڭ

2019.05.13 16:06 مەنبە: خەلق تورى

  ئارقا كۆرۈنۈشى:

  5-ئاينىڭ 9-كۈنى، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان ئايال يولۇچى چېن XX نىڭ خەيكۇ شەھىرىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرىنى شاپىلاق بىلەن ئۇرغانلىق دېلوسىغا خەيكۇ شەھىرى مېيلەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلدى، سوت مەھكىمىسى «خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى» بىلەن، جاۋابكار چېن مورۇڭغا تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

  بېيجىڭ ياشلار گېزىتى شيا شيۇڭفېينىڭ كۆز قارىشىنى ئېلان قىلدى: شوپۇرنىڭ بىر يۈەن كىرا ھەققىنى ئارتۇق ئالغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ماشىنا ھەيدەۋاتقان شوپۇرنى شاپىلاق بىلەن ئۇردى، بۇنىڭ بەدىلىگە تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، بۇنداق ساۋاق ھەقىقەتەن يېتەرلىك. بەلكىم بەزىلەر قاتناش ھادىسىسى ئۆلۈش-يارىلىنىش پەيدا قىلمىغان تۇرسا، تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى بەك ئېغىر بوپ كەتتىمۇ-قانداق؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. چۇڭچىڭ ۋەنجۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ دەرياغا چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئون نەچچە ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدەك ساۋاق يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئېسىدە. تەسىرى ئىنتايىن ناچار بولغان بۇ ۋەقەدىن باشقا، ئەمەلىيەتتە ئېغىر تالاپەت پەيدا قىلمىغان، ئاممىۋى قاتناش شوپۇرلىرىنىڭ نورمال بىخەتەر ھەيدىشىگە كاشىلا قىلىش قىلمىشلىرى يەنە نۇرغۇن. ھاين قائىدىسىدە مۇنداق دەپ قارىلىدۇ: ھەر قېتىملىق ئېغىر ھادىسىنىڭ كەينىدە، مۇقەررەر ھالدا 29 قېتىملىق يېنىك ھادىسە ۋە 300 قېتىملىق ئەمەلگە ئاشمىغان ھادىسە بېشارىتى ۋە 1000 قېتىملىق ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، چېن XX نىڭ ئاممىۋى قاتناش شوپۇرىنى ئۇرۇشى ئېغىر ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدىكى 29 قېتىملىق يېنىك ھادىسىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىز بۇ قېتىمقى يېنىك ھادىسىدە بىپەرۋالىق قىلىپ، قاتناش ھادىسىسى ۋە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان دېگەننى باھانە قىلىپ يېنىك ھۆكۈم چىقارساق، ھەتتا بىراقلا جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلمىساق، تېخىمۇ كۆپ ئوخشاش قىلمىشلار يۈز بېرىدۇ، ھەتتا كېيىنكى قېتىملىق «ئاممىۋى ئاپتوبۇس دەرياغا چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى»مۇ يۈز بېرىدۇ. كۆپ ھاللاردا، بۇ خىل قىلمىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتنىڭ تىنچلىق ياكى ئاپەت بولۇشى پەقەتلا بىر سىكۇنتنىڭ ئارىلىقىدا بولۇشى مۇمكىن. تۈزۈم ۋە قانۇن-نىزاملارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، نەتىجىدە تىنچ-ئامانلىق ياكى ئاپەت دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، يەنى ئىشتىن كېيىن سۈرۈشتۈرۈش بولماستىن، بەلكى ھېچكىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلماسلىققا، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى ھەرقانداق خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. دۆلىتىمىزنىڭ «جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 114-ماددىسىدا: «جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوت مەھكىمىسى چېن XXگە تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان، بۇنىڭ قانۇنى ئاساسى بار، جازا ئېغىر بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس. چېن XX ئۆزىنىڭ ئەقىلسىز قىلمىشى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن، بۇ ھۆكۈمنىڭ ھەممە ئادەمنى سەگەك قىلىپ، ماشىنىغا مەدەنىي ئولتۇرۇپ، بىخەتەر سەپەرگە چىقىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى قاتناش شوپۇرلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ۋاگون زوراۋانلىقىنى توسۇش ئۈمىد قىلىنغان.

  شياۋ جياڭنىڭ قارىشى: «خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى» قىلمىش جىنايىتى بولۇپ، نەتىجە جىنايىتى ئەمەس. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان-قىلمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىنى سادىر قىلغاننىڭ ھەممىسى بۇ جىنايەتنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر بەزىلەر جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان بولسا ۋە «ھېچ ئىش بولمىغاندەك» ھېس قىلسا، ماھىيەتتە ئۇ ئۇنىڭ قانۇننى چۈشەنمىگەنلىكى. بۇ ئېغىر ئۇقۇشماسلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇنى «بەرىبىر» دەپ قارىغان كىشىلەر ئۆزىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش، باشقىلارغا، ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىش گىردابىغا ئاپىرىپ قويۇشى مۇمكىن. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا يەنە خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، چېن xxنىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇس ھەيدەۋاتقان شوپۇرنى شاپىلاق بىلەن ئۇرۇپ، تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى ئۇنىڭغا ئۇۋال بولدى، دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئەگەر بەزىلەر بۇ دېلونىڭ ھۆكۈمىنى «چۈشەنمىسە»، يەنە بىر مەسىلە − دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، قانۇننى چۈشەنمەسلىكنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر ئەلۋەتتە قانۇن كەسپىي خادىملىرىغا ئوخشاش قانۇننى پىششىق بىلمەيدۇ، لېكىن ھېچ بولمىغاندا قايسى «قىزىل سىزىق»لارغا چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. بۇمۇ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئىلھام ئېلىپ كېلىدۇ. نۇرغۇن كىشىنىڭ قانۇن كەسپىي كىتابلىرىنى كۆرمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، كوچىغا چىقىپ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىشنىڭ ئۈنۈمى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، يان تېلېفون بىلەن يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسى كەڭرى، قوبۇل قىلىش دائىرىسى كەڭ بولىدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەر كارتون، رەسىملىك چۈشەندۈرۈش، قىسقا كۆرۈنمە چاستوتا قاتارلىقلارنى ئىشلەپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ قانۇن ساۋاتلىرىنى ئۇقتۇرسا بولامدۇ؟ بۇ دېلو مىسالىنى تۇتقا قىلىپ، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا «قىزىق نۇقتا»نى ئىگىلەشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. بۇ جەھەتتە جۇڭگو ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇلسا، كەلگۈسىدە «ھاياجانلىنىش شەيتاننىڭ ئىشىدۇر»دىن ساقلىنىپ، جامائەت بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ ئامىللارنى قوشقىلى بولۇشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ