مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئۈندىداردىكى خىزمەت توپلىرىنىڭ جاپاسى ئەمەلىيەتتە شەكىلۋازلىقتىن كەلگەن

2019.05.13 15:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇخەي شەھىرى شياڭجۇ رايونى «شياڭجۇ رايونىنىڭ شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمەت تەدبىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەدبىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، «پىرىنسىپ جەھەتتىن بىر ئورۇن پەقەت بىرلا خىزمەت توپى قۇرۇش، خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتتا خىزمەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلماسلىق»نى تەلەپ قىلدى. يۇقىرىقى ھۆججەت ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، مىكرو بىلوگ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا تېز سۈرئەتتە «ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۈندىدار توپىدا خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر تارقىتىشنى مەنئى قىلىش» ھەققىدىكى بەس مۇنازىرىنى قوزغىدى، تورداشلار بەس-بەستە قوللىدى ھەمدە مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش، «ئازاب-ئوقۇبەت دېڭىزى»دىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ قارىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈندىدار خىزمەت توپلىرىنىڭ «توپ قۇلى» بولۇپ قېلىش ھادىسىلىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇردى. نەچچە ئون، ھەتتا يۈزدىن ئارتۇق ئۈندىدار خىزمەت توپلىرى «كۈندىلىك خىزمەتلەرنى خالىغانچە يوللاش، ئىشلارنىڭ چوڭ- كىچىكىنى ئايرىماي ھەممىنى يۇقىرىغا يوللاش، ئوخشاش مەزمۇنلارنى تەكرار تارقىتىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، دائىم ئەيىبلىنىپ كەلدى. بۇ يىل مەركەزدىن يەرلىككىچە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا، مەركەز مەخسۇس «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 2019-يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىپ بېكىتتى.

  ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ بەلگىلىمە قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، ھېچ بولمىغاندا نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام خادىملىرى بۇ بەلگىلىمىنىڭ «يار-يۆلەك بولۇش»ى بىلەن، بەزى «كېرەكسىز» ئۈندىدار خىزمەت توپىدىن چېكىنىپ چىقىش ئىشەنچىسىگە ئىگە بولدى. لېكىن، بۇ جەرياندا، بىز يەنە بىر ئەسەبىيلىككە پېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك، يەنى شەكىلۋازلىق ئارقىلىق شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇپ، ئاتالمىش «يۈكنى يېنىكلىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق خىزمەت توپىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، خىزمەتنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. قانداقلا بولسۇن، ئالاقە تورى مۇھىتىدا ئۈندىداردىكى خىزمەت توپلىرى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا كونكرېت خادىملارغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. مەسىلەن، ئەسلىدە يۈزتۇرانە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بەزى خىزمەتلەرنى ئۈندىدار توپىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغان بولدى.

  ئۈندىدار دەرقەملىك ئالاقىلىشىش قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن جانلىق، تېز، ئىقتىدارى كۆپ خىل، ھەمتۈرتكىلىكى كۈچلۈك بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. لېكىن، ھەرقانداق قورال ئىلمىي يوسۇندا ئىشلىتىلمىسە، ئەۋزەللىكمۇ ناچار ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئۈندىداردىكى خىزمەت توپلىرى خىزمەتنى قولايلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زىيادە كۆپ بولۇش، زىيادە قالايمىقان بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولماقتا. بەزى ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرى نەچچە ئون ئۈندىدار خىزمەت توپىغا كىرگۈزۈلگەن، بەزىلەر ھەتتا 161 توپقا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەيلى خىزمەت ياكى دەم ئېلىش ۋاقتى بولسۇن، ھەر خىل ئۇقتۇرۇشلار نۆۋەتلىشىپ كەلگەن، ھېچقايسىسىغا كېچىكىپ جاۋاب قايتۇرۇشقا بولمايدىكەن.

  جۇخەي شەھىرىدىكى ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش ئۇسۇلىنى ئەمەلىيەتتە يەنە ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ. سەككىز سائەتتىن باشقا ۋاقىتتا ئۈندىداردا خىزمەت ئۇچۇرى يوللاشقا رۇخسەت قىلىنماسلىق بەك غايىۋىلىشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ قانداقلا بولسۇن مەمۇرلار جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەشكىلات، ھەقىقەتەن بەزى جىددىي ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، يوللاشقا تېگىشلىك ئىشلارنى يەنىلا يوللاش كېرەك.

  ئەمەلىيەتتە، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، ئۇزاقتىن بۇيانقى ھۆججەتلەر تاغدەك دۆۋىلىنىش، زىيادە ئىز قالدۇرۇش ۋە كۆپ تەرەپ باھالاش قاتارلىق شەكىلۋازلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى. خۇددى «يۇقىرىدا مىڭ تال يىپ، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە» دېگەندەك، بارلىق خىزمەتلەر ئەڭ ئاخىرىدا ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىدۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى خادىملارمۇ كۆپ تەرەپ ئالاقە باغلاش رېئاللىقىغا دۇچ كەلمەي ئامالى يوق. ئەگەر بۇ يادرولۇق مەسىلە ئۆزگەرتىلمىسە، ئۇنداقتا قىسقارتىلغان ئۈندىدار خىزمەت توپلىرىمۇ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۈندىدار خىزمەت توپلىرى شەكىلۋازلىقنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كېسەللىك سەۋەبى ئەمەس، بەلكى شەكىلۋازلىقنىڭ كېسەللىك ئالامىتى.

  ئەگەر راستىنلا بارلىق خىزمەت توپلىرىنى تۈرگە ئايرىماي بىر توپقىلا قىسقارتقاندا، ئەگەر بىيۇروكراتلىق كېسەللىك مەنبەسى يوقىتىلمىسا، ئۇنداقتا ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئېكرانغا تولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى ئالاقىدار رەھبەرلەرمۇ جاۋاب قايتۇرۇشىڭىزنى تەلەپ قىلسا، بەلكىم ئۇچۇرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئايلىنىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. بەلكىم يەنىلا توپ كۆپرەك بولسا ياخشىكەن، دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

  شۇڭا، ئۈندىدادىكى خىزمەت توپلىرىغا قارىتا، بىز پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا سالماسلىقىمىز لازىم، ھەممىنى چەكلىۋېتىشكە، ياكى ھەممىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ. ھەر قايسى ئورۇنلار «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى»نىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈندىداردىكى خىزمەت توپلىرىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سانىنى ئازايتىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئازايتىش، توپقا كىرىدىغان ئەزالارنى تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تەكشۈرۈش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش مەزمۇنىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك، دېيىشنىڭ ھاجىتى يوقلىرىنى دېمەسلىك، قايتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقلىرىنى قايتۇرماسلىق لازىم، مانا بۇ ئەڭ مۇھىم ئىشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ