مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاچچىقلىنىشنىڭ ياشانغانلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا بولغان زىيىنى ھەسرەتلىنىشكە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن

2019.05.13 14:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، قايغۇ-ھەسرەتكە سېلىشتۇرغاندا، ئاچچىقلىنىشنىڭ ياشانغانلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇ يەنە ياللۇغلىنىشتەك خەۋپنى ئاشۇرۇۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن، ھەمدە بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدىكى ياللۇغلىنىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتكىچە داۋاملىشىشى يۈرەك كېسىلى، بوغۇم ياللۇغى ۋە راك كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  كانكودىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 59 ياشتىن 93 ياشقىچە بولغان 226 كىشىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ تەتقىق قىلغان: ئۇنىڭ ئىچىدە، 59 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغانلىرىنى قېرىلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ھېسابلاپ، ئۇلارنى بىر گۇرۇپپىغا ئايرىغان، 80 ياشتىن باشلاپ ۋە 80 ياشتىن ئاشقانلارنى قېرىلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ھېسابلاپ، ئۇلارنى يەنە بىر گۇرۇپپىغا ئايرىغان. بۇ تەتقىقات ئوبيېكتلىرى سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇ ۋەزىپىنى بىر ھەپتە ئىچىدە تاماملىغان. سوئال قەغىزىنىڭ مەزمۇنى بولسا، ئۇلارنىڭ ئاچچىقلانغان ياكى ئازابلانمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتچىلار قان ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ياللۇغلىنىش سەۋىيەسىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ئىگىلىگەن.

  تەتقىقات نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئاچچىقلىنىپلا يۈرۈش نەتىجىسىدە، 80 ياشتىن باشلانغان ۋە 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاردىكى ياللۇغلىنىشنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئۇلاردا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن، ئەمما، 80 ياشقا توشمىغان تەتقىقات ئوبيېكتلىرىنىڭ ئۇ خىل نۇقسانلار بىلەن باغلىنىشى يوق ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قايغۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا پىسخولوگىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر سان «ياشانغانلار پىسخىكىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پاسسىپ كەيپىياتنىڭ ھەممىسى سالامەتلىككە زىيانلىق ئەمەس ئىكەن. كىشىلەر قېرىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندا، ئۇلار ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇشى ۋە كىشىلىك ھاياتىنى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن، لېكىن، تېخىمۇ چوڭ ياشتىكى ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق ئاچچىقلىنىۋېرىش ئۇلار ئۈچۈن پايدىسىز، چۈنكى، ياشانغانلار مەيلى قانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتسۇن، بۇنىڭ ھەممىسى ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، قايغۇ ياشانغانلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەپ، نىشاننى تۆۋەنلىتىپ، قېرىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك فىزىئولوگىيىلىك ۋە بىلىش خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن. تەتقىقاتچىلار تەربىيە بېرىش ۋە پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياشانغانلارنىڭ كەيپىياتىنى باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، ئاز ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق، ئاچچىقلىنىشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىش تەكلىپىنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ