باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

___ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا

2019.05.20 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ___ دۇنيانى تېخىمۇ ئىناق، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى.

  «ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى!»، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىگە قەدەم تاشلىشى ئۈچۈن جۇڭگو كۆز قارىشىنى ۋە جۇڭگو تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان جاھان ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ۋە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشىگە ئېرىشتى.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىنسانلارنىڭ پەقەت تېرە، رەڭ پەرقى بار، مەدەنىيەتنىڭ پەقەت رەڭگارەڭ پەرقى بار، لېكىن يۇقىرى-تۆۋەن، ياخشى-يامانلىق پەرقى يوق» ھەر بىر خىل مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ ياشاش تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ ئاجايىپ ئەقىل-پاراسىتى ۋە مەنىۋى ئىستىكىنى مۇجەسسەملىگەن، ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىممىتى بار. ئۆزىنىڭ ئىرقى ۋە مەدەنىيىتىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ، باشقا مەدەنىيەتنى جاھىللىق بىلەن ئۆزگەرتىش، ھەتتا باشقا مەدەنىيەتنىڭ ئورنىنى ئېلىش تونۇش جەھەتتە ئەخمەقلىق، ئۇسۇل جەھەتتە ئاپەت خاراكتېرلىك! ئەگەر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى پەقەت بىرلا رەڭ، بىرلا ئەندىزىگە ئايلىنىپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ دۇنيا پەقەت بىرلا خىل بولۇپ، بەك مەنىسىز بولۇپ قالىدۇ! تارىخ شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، ھەرقانداق مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى ئارقىلىق مەدەنىيەت پەرقىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، ئەكسىچە دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. پەقەت بارلىق مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنالايدىغان كۆز بولسىلا، ھەر خىل مەدەنىيەتنىڭ ئەسلىدە توقۇنۇشى يوق. ئاتالمىش «مەدەنىيەت توقۇنۇش نەزەرىيەسى»، «مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىك» نەزەرىيەسى ياكى بولمىسا ھاكاۋۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش تەرىپىدىن كۆزى توسۇۋېلىنغان، يا بولمىسا يولسىزلىق بىلەن مەدەنىيەت زومىگەرلىك ھوقۇقىنى يولغا قويغانلىق. خۇددى چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى ئېيتقاندەك: ھەقىقىي مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمەسلىكى كېرەك ھەمدە توقۇنۇش يۈز بەرمەيدۇ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا پەرق مەۋجۇت، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش كېرەك، سۆھبەت ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش، ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكنى تولۇقلاش مانا بۇ دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىنىڭ يولىدۇر. (تولۇق تېكىستىنى ئاستىدىكى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر