مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئالىي كەسپىي مائارىپقا 1 مىليون ئوقۇغۇچى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىنىدۇ

2019.05.15 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە 1 مىليون ئوقۇغۇچىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئېلان قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە 2019-يىللىق ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا 1 مىليون 150 مىڭ ئادەم كۆپەيتىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن. ئۇنداقتا، زادى قانداق تىزىملىتىمىز؟ ئىمتىھاننى قانداق بېرىمىز؟

  سوئال: كىم تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ؟ قانداق تىزىملىتىدۇ؟

  جاۋاب: بۇ قېتىم قوبۇل قىلىشنى كېڭەيتىشتە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەندىن باشقا، يەنە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار قاتارلىق توپلار كۆپەيتىلدى. ئالىي كەسپىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئايرىم ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا قاتناشسا بولىدۇ.

  جايلاردا 2019-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى ئاياغلاشقانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ئوقۇغۇچىلار توپى ئىچىدە، قىسمەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق بىر قىسىم ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئويى بارلار ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتمىدى، جايلار ئىككى قېتىم تولۇقلاپ تىزىملىتىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ. بىر قېتىملىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاساسلىقى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار توپىغا يۈزلەنگەن بولۇپ، كونكرېت ۋاقتىنى جايلار بېكىتىدۇ. يەنە بىر قېتىملىقى ئاساسلىقى بۇ يىل 9- ئايدىن 10-ئايغىچە رەسمىي ھەربىيلىكتىن چېكىنىدىغان ھەربىيلەرگە يۈزلەنگەن بولۇپ، 10-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  سوئال: ئىمتىھاننى قانداق بېرىش كېرەك؟

  جاۋاب: ئىمتىھان پىرىنسىپ جەھەتتىن ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئايرىم ئىمتىھانىنى ئاساس قىلىدۇ. جايلارنىڭ ئالىي كەسپىي سىنىپلىرىنى تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىمتىھان خىزمىتىنى جايلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئىمتىھان ۋاقتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن بولسىمۇ بولىدۇ.

  بۇ قېتىمقى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىشقا چېتىلىدىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئالاھىدە بولغاچقا، ئىمتىھان شەكلىمۇ جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «مەدەنىيەت ساپاسى + كەسپىي ماھارەت» ئىمتىھان ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، مەدەنىيەت ساپاسى نەتىجىسىگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىسى ياكى شۇ ئۆلكە ياكى ھەر قايسى مەكتەپ تەشكىللىگەن مەدەنىيەت ئىمتىھان نەتىجىسى ئىشلىتىلىدۇ، كەسپىي ماھارەت نەتىجىسىگە شۇ ئۆلكە ياكى ھەر قايسى مەكتەپلەر تەشكىللىگەن كەسپىي ماسلىشىش خاراكتېرلىك سىناق نەتىجىسى ياكى كەسپىي ماھارەت سىناق نەتىجىسى ئىشلىتىلىدۇ.

  ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارغا قارىتا، مەدەنىيەت ساپاسى ئىمتىھانى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ، مەكتەپلەر ئۆز مەكتىپىنىڭ ئاساسىي تەربىيەلەش تەلىپىگە ئاساسەن، ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغان كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ماسلىشىش خاراكتېرلىك سىناق ياكى كەسپىي ماھارەت سىنىقىنى تەشكىللەپ، سىناق نەتىجىسىگە ئاساسەن قوبۇل قىلىدۇ.

  ئىمتىھان كەچۈرۈم قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىدۇ.

  شارائىتى يار بېرىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ ئالاقىدار كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى ئالغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالاقىدار كەسپىي ماھارەت سىنىقىغان قاتناشقاندا كەسپىي ماھارەت سىنىقىنى كەچۈرۈم قىلىشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. ئالدىنقى مەزگىلدە ئالىي كەسپىي سىنىپلار بويىچە تۈرگە ئايرىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ھەمدە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار بۇ قېتىمقى ئالىي كەسپىي مائارىپ بويىچە كېڭەيتىپ قۇبۇل قىلىش مەخسۇس ئىمتىھانغا قاتناشمايدۇ.

  سوئال: قوبۇل قىلىشتا بىر تۇتاش نومۇر سىزىقى چىقىرىلامدۇ؟

  جاۋاب: بۇ قېتىم كېڭەيتىپ قۇبۇل قىلىشتا ئوخشاش بولمىغان توپلارغا قارىتا ئايرىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ، بىر قىسمى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە، بىر قىسمى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلارغا، دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارغا قارىتىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان توپتىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى تۈرگە ئايرىپ بېكىتىپ، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش كېرەك.

  قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ۋاقتىنى جايلار، مەكتەپلەر ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ بېكىتىدۇ. 10-ئايدىن بۇرۇن قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار 2019- يىلى كۈزدە مەكتەپكە كىرسە بولىدۇ؛ 10- ئايدىن كېيىن قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار 2020-يىلى ئەتىيازدا مەكتەپكە كىرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ