مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاز سانلىق مىللەتكە چېتىشلىق دېلولارنى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا بېجىرىش

يۈننەن لەنپىڭ تەپتىش مەھكىمىسى «مىللىي تىل + تەپتىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئەل رايىنى بىلىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى

2019.05.22 15:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ ئوبلاستى لەنپىڭ ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىدە، «كۆپ تىللىق تەپتىش ئىختىساسلىقلىرى»دېگەن سۆز ھازىر ئالتۇن ۋىۋىسكىغا ئايلاندى. بۇ مەھكىمىدىكى 13 نەپەر تەپتىش ئەمەلدارى ئىچىدە، 11 نەپەر كىشى ئاز سانلىق مىللەت تەپتىش ئەمەلدارى، يەنە 2سى خەنزۇ ئەمەلدار بولۇپ، بۇ 11 نەپەر كىشى ئاز سانلىق مىللەت تەپتىش ئەمەلدارى ئومۇمىي سانىنىڭ %84.6ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى بىلىدىغان تەپتىش ئەمەلدارىدىن 10 نەپەر كىشى بار.

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا لەنپىڭ ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەزكۇر مەھكىمە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ئىدىيەسى كۈچلۈك، مىللىي سىياسەتنى بىلىدىغان ۋە قانۇن كەسپىنى پىششىق بىلىدىغان تەپتىش قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلغان. باش تەپتىش لى بىسۇڭ مۇنۇلارنى ئوتۇرىغا قويغان: ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، «مىللىي تىل + تەپتىش» ئەندىزىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ۋە تەپتىش ئىشىدا خەلققە قولايلىق يارىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەر دەۋا قىلىش ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەيدىغان تەپتىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

  دېلو بېجىرىشتە كۆپ تىللىق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش


  لەنپىڭ بەيزۇ-پۇمى مىللىتى ئاپتونوم ناھىيەسى يۈننەننىڭ نۇجياڭ ئوبلاستى توغرا كەسمە تاغ تىزمىسىنىڭ تىك جىلغىسىغا جايلاشقان، تەۋەسىدە بەيزۇ، پۇمى، يىزۇ، لىسۇ، نۇزۇ، زاڭزۇ ۋە خەنزۇ قاتارلىق 14 مىللەت ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى بىردىنبىر بەيزۇ-پۇمى مىللىتى ئاپتونوم ناھىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

  لەنپىڭ ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى بىسۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: لەنپىڭ تەپتىش ئەمەلدارلىرى چېگرا رايوننى قوغداپ، توغرا كەسمە تاغ تىزمىسىنىڭ تىك جىلغىسىدا ياشايدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، مېنىڭ ئۇ يىراق جايدىكى تاغ-ئورمانلار ۋە جىلغىلارغا قويۇق مۇھەببىتىم بار، ھەتتا ئۇ جايدا مەردانىلەرچە ۋە باتۇرلارچە ياشاش مىجەزىم بار. مەن ئۆزۈمنىڭ ئانا تىلى ئارقىلىق ئەدلىيە ئىدىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى قوغداپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ كۆپ ماھارەتلىك مىللىي تەپتىش ئەمەلدارى بولۇشقا تىرىشىمەن.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، لەنپىڭ تەپتىش ئەمەلدارلىرى دېلو تاپشۇرۋالسىلا، ئالدى بىلەن جىنايەت گۇماندارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى (زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى)، گۇۋاھچى، ئەرز قىلغۇچى ۋە ئەرز سۇنغۇچى قاتارلىقلاردىن: خەنزۇ تىلى بىلەمسىز؟ دەپ سورايدۇ. ئەگەر خەنزۇ تىلى چۈشەنمىسە ۋە خەنزۇچە خەتنى بىلمىسە، ئۇلارنى ئىلمىي ھالدا ئايرىپ، مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، كۆپ تىللىق تەپتىش ئەمەلدارىنى تەرجىمە تەرتىپى ۋە قوش تىل ئارقىلىق سوراق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ۋاقتىدا ئارىلاشتۇرىدۇ. ئاخىرىدا، دېلونىڭ ۋاقىت ئۈنۈمى، پاكىتلار، ئادىللىق، مەدەنىيلىق ۋە ئىنسانىي ھوقۇق قاتارلىق جەھەتلەردە تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرىدۇ.

  تىل بولسا، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرغۇچىلارنىڭ مۇھىم قورالى، ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا تۇتىشىدىغان ئەڭ ياخشى "قەلب كۆۋرۈكى"دۇر.

  مىللىي تىل ئارقىلىق ئارازلىقنى ئازايتىش

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا تىل جەھەتتىكى توسالغۇ تۈپەيلىدىن، بەزى دېلولاردا ئۇزۇنغىچە كېلىشىۋېلىش ھاسىل قىلىنمىغان، بەزى ھۆكۈمدە جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ قانۇنغا بويسۇنۇش ۋە خاتالىقىنى تونۇپ توۋا قىلىش مەقسىتىگە يېتىشكە بولمىغان، دېلونىڭ سىياسىي ئۈنۈمى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىمۇ تولۇق ھەل بولمىغان. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، ئىجتىمائىي مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا سەلبىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش، سۆز ئارقىلىق ھېسسىياتنى قوزغاش، ئەل رايىغا چوڭقۇر چۆكۈش، جىنايىتىنى تونۇپ قانۇنغا بويسۇنۇش ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق ئىشلار تەس بولۇشتەك قيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

  2005- يىلى مەزكۇر مەھكىمە بىر دېلونى بېجىرگەن بولۇپ، ئۇ دېلو قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەت دېلوسى ئىدى، جىنايەت گۇماندارى يىزۇ ئىدى، شۇ دېلودا جىنايەت گۇماندارى ئوتىغۇچ بىلەن قوشنىسىنىڭ بالىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ھەمدە جەسەتنى تاغ ئورمانلىقىغا يوشۇرۇپ قويغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارىنىڭ تىلى راۋان بولمىغانلىقتىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خادىملىرى دېلو تەھقىقلەش باسقۇچىدىلا قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىشى ئاستىدا، مەزكۇر مەھكىمىنىڭ يىزۇ تەپتىش ئەمەلدارى شامايۈەنگۇ بۇيرۇققا بىنائەن مۇددەتتىن بۇرۇن دېلوغا ئارىلىشىپ، يىزۇ تىلىدا جىنايەت گۇماندارىدىن ئەھۋالنى تەپسىلىي سوراپ، پىسخىكىلىق تاكتىكىسى ۋە مىللىي ئېتىكى ئارقىلىق پىسخىكا جەھەتتىن قارشى تەرەپنى پارچىلاپ، جىنايەت گۇماندارىنى ئەينەن ئىقرار قىلدۇردى ھەمدە يوشۇرۇپ قويغان جەسەتنى تاپتى، دېلو ئوڭۇشلۇق پاش قىلىندى. بۇ دېلودىكى جاۋابكار ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

  بۇ دېلودا مىللىيلارنىڭ دېلوسىنى مىللىي تىل ئارقىلىق پاش قىلىش كېرەكلىكىنى دەللىلىدى، بۇنداق قىلغاندا، مىللىي تىل ئارقىلىق ئارازلىقنى ئازايتىپ، ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئەندىشىنى تۈگىتىشكە بولىدۇ.

  لەنپىڭ تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بەيزۇ تەپتىش ئەمەلدارى ياڭ رۈنپىڭ بىر قەستەن زەخىملەندۈرۈش دېلوسىدا جىنايى ئىشلاردىكى كېلىشىشنى مۇرەسسە قىلغاندا، بۇ دېلودىكى ئىككىلا تەرەپنىڭ بەيزۇ ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئۆزئارا ئۇرۇشۇش دېلوسىغا كىرىدىغانلىقىنى، ئىككىلا تەرەپنىڭ يېنىك زەخىملەنگەنلىكىنى ۋە خەنزۇ تىلىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلگەن.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى كۆپ قېتىم كېلىشىش قىلغان بولسىمۇ نەتىجىسى چىقمىغان. تەپتىش ئەمەلدارى ياڭ رۈنپىڭ قايتا-قايتا ئويلىنىپ، بەيزۇ تىلى بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى قارار قىلغان، كېلىشىش جەريانىدا، ياڭ رۈنپىڭ قانۇن قائىدىسىدىن پايدىلىنىپ، ھېسسىيات ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبىنى تەسىرلەندۈرۈپ، قائىدە ئارقىلىق ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ئالاقىدارلىرىنىڭ قەلبىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرۈپ، ئاخىرىدا بۇ دېلونى مۇۋاپىق ھەل قىلغان.

  دەۋا سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش

  قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى تىل توسالغۇسى مەسىلىسىگە قارىتا، لەنپىڭ ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، دېلو بېجىرىش ئەندىزىسىدە دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، تەپتىش خادىملىرىدىن ھەر خىل مىللىي تىلنى ئۆگىنىشنى، مەھكىمە بويىچە بەيزۇ تىلى ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىپ، كۆپ خىل تىل بىلەن دېلو بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئادەتتە تەپتىش خادىملىرىدىن تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش ۋە خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئاز سانلىق مىللەت ئالاقىدارلىرىدىن ئۆزىنىڭ مىللىي تىلىدا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش ۋە سوئال سوراش، سوتقا قاتنىشىپ ئەيىبلەشنى قوللاشتا، سوتتا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش، سوئال سوراش ۋە جاۋاب بېرىش قاتارلىق دەۋا ھالقىلىرىدا، ئىمكانقەدەر دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى ئىشلىتىش ياكى دەۋالاشقۇچىلار ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنداق قىلغاندا، دەۋا سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى ۋە دەۋا تەننەرخىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  «مىللىي تىل + تەپتىش» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، لەنپىڭ ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ مىللىي تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارى تېز ئاشتى. نۆۋەتتە، بۇ مەھكىمىنىڭ %98 تەپتىش ئەمەلدارلىرى بەيزۇ تىلىنى بىلىدىغان بولدى، %90 تەپتىش خادىملىرى شۇ جايدىكى بىردىن ئارتۇق مىللىي تىللارنى پىششىق بىلىدىغان بولدى. ھازىر مەزكۇر مەھكىمىدىكى بىر تەپتىش ئەمەلدارى بەش خىل مىللىي تىلنى پىششىق بىلىدىكەن.

  لەنپىڭ ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى 12309 تەپتىش مۇلازىمەت مەركىزىدە، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىشنىڭ كۆپ تىللىق قىزىق لىنىيەسى، تەپتىش ئىشلىرىدا يىراق مۇساپىلىك كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق ئەرز قوبۇل قىلىش سىستېمىسى، يەنە زامانىۋى پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئىشخانىسى، ئادۋوكات كۈتۈۋېلىش ئۆيى ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىلى تەرجىمە ئىشخانىسى قاتارلىقلار بار بولدى.

  لى بىسۇڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە لەنپىڭ ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «مىللىي تىل + تەپتىش» ئەندىزىسىنى داۋاملىق ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئەلرايىنى بىلىپ ۋە خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، تەپتىش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى بىۋاسىتە ئاچىدىغان ئۇسۇلنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ