شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2019.05.22 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ماي قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەڭ مەيدانى، قىسىم، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىچكى ئامىللىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، سىياسىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  5-ئايدىكى جياڭشىنىڭ تاغلىرى ياپيېشىل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، سۇلىرى زۇمرەتتەك سۈزۈك ئىدى، قەھرىمانلار شەھىرى نەنچاڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ قۇرۇقلۇق قىسىم پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىگە كەلدى. شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە جياڭشىدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ مۇئاۋىن شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە ئىشتاتلىق تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىدىكى تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلىرى ۋە شىجياجۇاڭ مەكتەپ رايونىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلار ۋەكىللىرى بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئوقۇغۇچىلار شۆيۈەننىڭ مەشىق مەيدانىدا جانلىق، ياڭراق ئاۋازى بىلەن ئەمەلىي جەڭ مەشىقى مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈردى. شى جىنپىڭ توسالغۇ مەشىق مەيدانىغا كېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى كۆردى. ئاخىرقى چەك مەشىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارى چېكى، ئىرادە چېكى، پىسخىكا چېكىنى تاۋلاپ، جەڭ مەيدانىغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭ ئاخىرقى چەك مەشىقى مەيدانىغا كېلىپ، مەشىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە مەشىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئوقۇغۇچىلار توساق تامدىن سۇغا سەكرەش، شوتىدىن ئارتىلىش، چوڭ قەدەمدە ئاتلاش، ئېگىز تامدىن ئارتىلىش، بۇلۇت شوتىسىغا يامىشىش، چايقىلىپ تۇرغان ياغاچ كۆۋرۈككە يامىشىش، ئەن ياغاچ يۈدۈش قاتارلىق مەشىقلەرنى قىلدى. شى جىنپىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاتقاققا مىلىنىپ، توسالغۇلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى.

  مەشىق مەيدانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ شۆيۈەننىڭ قىزىل بايلىقلار تەتقىقات مەركىزىگە كەلدى. ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان، شۆيۈەن قىزىل بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قىزىل گېن ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، ئادەم تەربىيەلەش جەھەتتە پائال ئىزدەندى. شى جىنپىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شۆيۈەننىڭ ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل گېنگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد لاياقەتلىك قىزىل ئارمىيە ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ