خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 30-ماي نارېندېلا مودىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۇدا ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، نۆۋەتتە جۇڭگو- ھىندىستان مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. بۇ، جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، دۇنيا ۋە رايونلارنى مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. مەن زۇڭلى مودى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ تېخىمۇ زىچ تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ