نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىيىتى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تاشقى ئېنىقسىز، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، زور زىددىيەت ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.
ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 29-ماي چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 8-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى ھەمدە شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىيىتى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تاشقى ئېنىقسىز، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، زور زىددىيەت ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ