مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ نىگېر زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

2019.05.29 15:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5-ئاينىڭ 28 -كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن نىگېر زۇڭتۇڭى ئىسسۇف بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ جۇڭگو - نىگېر مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرگە ئىجابىي باھا بەردى . ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلىشىپ،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى پىلانلايدۇ . جۇڭگو نىگېر بىلەن بىر بىرىنى ھۆرمەتلەپ ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، جۇڭگو - نىگېر دوستلۇق ھەمكارلىقىنى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ . جۇڭگو بازار قائىدىسى ۋە سودا پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئېچىۋېتىش ، يېشىل ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ ، نىگېر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرىدۇ . جۇڭگو ئافرىقا ئەركىن سودا رايونى كېلىشىمىنىڭ پات ئارىدا يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى خوشاللىق بىلەن كۆرمەكتە ، ئافرىقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايدۇ.

  ئىسسۇف يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى .ئۇ مۇنداق دېدى: نىگېر جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ ، « بىر بەلباغ ، بىر يول » نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئافرىقا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ .

  خې لىفېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ