مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دوستلار چەمبىرىكىدە «ھەمبەھىرلەشكە ئازدۇرۇش»قا ئەمدى بولدى بەس!

2019.05.23 14:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ ئورگان تەرەپ ئاممىۋى سۇپىسى «دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ يوقلىمىدىن ئۆتۈشكە ئازدۇرۇشنى بىر تەرەپ قىلىش ئېلانى»نى ئېلان قىلىپ، دوستلار چەمبىرىكىدە «يوقلىمىدىن ئۆتۈش» نامىدىكى ھەمبەھىرلەشكە ئازدۇرىدىغان بەزى مەھسۇلاتلارنى تۈزەتتى. تېڭشۈن تەرەپنىڭ دېيىشىچە، ئۈندىدار ئىزچىل قائىدە بويىچە سىرتقى ئۇلانمىغا ئازدۇرۇش قىلمىشىغا زەربە بېرىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش ئېلانى پەقەت ئادەتتىكى زەربە بېرىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ئىكەن.

  دوستلار چەمبىرىكىدە «يوقلىمىدىن ئۆتۈش» نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس، بەدەن چېنىقتۇرۇش، يۈگۈرۈش، ئوقۇش دېگەندەك ھەر خىل «يوقلىمىدىن ئۆتۈش»لەرنىڭ پەيدا بولۇشى كىشىلەرگە ئاكتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ھالىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ بىر خىل ئاكتىپ ئېنېرگىيەنىڭ تارقىلىشىدۇر. يەنە كېلىپ، دوستلار چەمبىرىكىدە يوقلىمىدىن ئۆتۈش بىر خىل نازارەت قىلىنىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، باشقىلارنىڭ ماختىشى، ئىلھام بېرىشى ئارقىلىق ئۆزىنى داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىپ، ياخشى ئادەت ۋە ھەرىكەت قائىدىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دوستلار چەمبىرىكىدە «يوقلىمىدىن ئۆتۈش» ئەسلىدە بىر پايدىلىق ئىش، لېكىن نېمە ئۈچۈن تۈزەش، بىر تەرەپ قىلىش سېپىگە كىرگۈزۈلۈپ قالدى؟

  بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بەزى كىشىلەرنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە «يوقلىمىدىن ئۆتۈش»ىنىڭ ئارقىسىدا ھەمىشە بەزى يۇمشاق دېتال سۇپىلىرى، مەكتەپ ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئېلان ئۇلىنىشى، ئىككىلىك كودى قاتارلىق بەتلەر ئەگىشىپ كېلىدۇ. دوستلار چەمبىرىكىدە نەچچە كۈن ئاشكارا «يوقلىمىدىن ئۆتۈش» ئارقىلىق ئوقۇش پۇلىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ماددىي بۇيۇم مۇكاپاتى قاتارلىقلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ ماددىي مۇكاپاتلارنىڭ ھەممىسى سۇپا ياكى ئاپپاراتلارنىڭ «يوقلىمىدىن ئۆتۈش»ىنى تەلەپ قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ئۆگىنىش» بولماستىن، بەلكى تارقىتىشتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى بىر خىل ئىشلىتىش نىسبىتى يۇقىرى، تارقىتىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان سۇپا بولۇپ، بۇ خىلدىكى «يوقلىمىدىن ئۆتۈش» تەبىئىي ھالدا تارقىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، ھەتتا شۇ سەۋەبتىن ئاساسەن تەننەرخى يوق دېگۈدەك ئېلان تەشۋىقاتىغا ئېرىشىدۇ. بۇ قانداقمۇ سودىگەرلەرنىڭ كۆزىنى قىزارتماي تۇرالىسۇن؟

  نۇرغۇن ئۆگىنىش ئاپپاراتلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن «يوقلىمىدىن ئۆتۈش» قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، بۇنى «بالىلارنىڭ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىش» دەپ ئاتىۋالغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئالاقىلىشىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ھەر بىر ئۆگىنىش دەرسلىكىدە مۇناسىپ ئۈندىدار توپى بار، ئۈندىدار توپىدا «يوقلىمىدىن ئۆتۈش» تېخىمۇ قولايلىق تۇرسا، يەنە ئاۋۋال دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ، ئاندىن يوللىغاننى سۈرەت قىلىپ كېسىپ، ئۈندىدار توپىغا ئەۋەتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟

  بۇ خىل ئەندىزە قالايمىقان يامراپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، كىم ھەر كۈنى دوستلار چەمبىرىكىنى ئېچىپ ئېكرانغا توشۇپ كەتكەن ئېلانلارنى كۆرۈشنى خالايدۇ؟ بۇ باشقىلارنى ئاۋارە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يېرىم ئازدۇرۇلۇش، يېرىم مەجبۇرلىنىش ئاستىدا، ئەمەلىيەتتە «يوقلىمىدىن ئۆتكۈچى»لەرنىڭمۇ قىيىنچىلىقى بار، بېسىمغا چىداپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى ھەقسىز ئېلان ئورنىغا ئايلاندۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا، ئۈندىدار قاتارلىق سۇپىلارنىڭ «ئۆگىنىشتە يوقلىمىدىن ئۆتۈشتەك ھەمبەھىرلەشكە قىزىقتۇرۇش»نى تۈزىشىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ.

  ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى نورمال، مۇستەقىل، ئەركىن ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئاساسىي تېما قىلىشى، ئېلاننىڭ چەكسىز كىرىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك. ئۆز ئالدىغا «يوقلىمىدىن ئۆتۈش»، مەسىلەن، ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك يۈگۈرۈشتە «يوقلىمىدىن ئۆتۈش»نىڭ ھېچقانداق مەنپەئەت مۇناسىۋىتى يوق، پەقەت سەھەردە قۇياش نۇرى ئاستىدىكى گۈزەل مەنزىرە ۋە ئاكتىپ ئۆزىنى نامايان قىلىش بولۇپ، بۇنداق «يوقلىمىدىن ئۆتۈش»كە قارىتا، كىشىلەر ئەڭ سەمىمىي ئالقىش ياڭرىتىدۇ. لېكىن، ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى ئېلان سۇپىسى قىلىشتەك قىلمىشلار باشقىلارنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ھەتتا دوستلار چەمبىرىكىنى «ھەقسىز ئېلان ئورنى» ياكى ئەخلەت ئېلان مەركەزلەشكەن جايغا ئايلاندۇرىدۇ.

  دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئۆگىنىشتە «يوقلىمىدىن ئۆتۈش»كە ئازدۇرۇش ھادىسىسىنى يىلتىزىدىن تۈزەشتە ئۈندىدار تەرەپكە تايىنىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئالاقىدار سۇپا ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىمۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەسىلەن، ئەنئەنىۋى ئۆگىنىش ئاپپاراتلىرى ساماندەك كۆپ بولۇپ، ئاچقۇچلۇق سۆز-ئىبارىلەر بار ئۇلانمىنى قوشمىسا، ياكى رەسىمگە ئۆزگەرتسىلا، ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ناھايىتى تەس بولىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، ئورتاق كۈچ چىقارغاندىلا، دوستلار چەمبىرىكى ھەقىقىي تۈردە ئىجتىمائىي ئالاقىنى ئاساسىي تېما قىلالايدۇ، شۇنداقلا پاسسىپ ھالدا «ھەقسىز ئېلان ئورنى»غا ئايلىنىپ قېلىش ئەمەس، بەلكى ئامما «يوقلىمىدىن ئۆتۈش»نى ئەركىن تاللىيالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ