مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ يۈ مۇمىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈستى

2019.05.31 13:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا يېڭى پارتىيەنىڭ رەئىسى ، يېڭى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي كېڭەش باشلىقى يۈ مۇمىڭ باشچىلىقىدىكى تەيۋەندىكى ھەر ساھە ئەربابلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ يۈ مۇمىڭ قاتارلىقلارنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان بايرىقى روشەن ھالدا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، « تەيۋەن مۇستەقىللىقى » گە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پائال كۆزلىگەنلىكىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە ئىنتىلىش مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىشى ، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى . تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى قانچە مۇرەككەپ ، كەسكىن بولغانسىرى ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كەلگەنسېرى مىللىي ھەققانىيەتنىڭ قىممىتى شۇنچە گەۋدىلىنىدۇ. « 92 - يىل ئورتاق تونۇشىدا چىڭ تۇرۇش » ، « تەيۋەن مۇستەقىللىقى » گە قارشى تۇرۇش ئورتاق سىياسىي ئاساسىدا، بىز تەيۋەندىكى پارتىيە-گۇرۇھلار ، تەشكىلاتلار ۋە ئەربابلار بىلەن كۆپ خىل شەكىلدىكى سۆھبەت ۋە كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ ، تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ، « بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش » توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى خالايمىز . بىز كېڭىشىش داۋامىدا ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ۋە يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، تەيۋەن سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، تەيۋەن ياشلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئوقۇش تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى ، قاتنىشىش داۋامىدا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى چۈشىنىپ ، مىللىي گۈللىنىشنى تونۇش تۇيغۇسى ۋە قاتنىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرىمىز .

  يۈ مۇمىڭ مۇنداق دېدى : ئىككى قىرغاق ئەزەلدىن بىر جۇڭگوغا تەۋە، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ مول ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلبداش بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، بىر جۇڭگوغا تەۋە ، تىنچ بىرلىككە كېلىشنى قوغلىشىش تونۇشى ۋە مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ