جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ 5-ئاينىڭ 29 -كۈنى بېيجىڭدا ياۋ جىشېڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شياڭگاڭ باش جەمئىيىتى زىيارەت ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى .
ۋاڭ ياڭ جۇڭگو تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شياڭگاڭ باش جەمئىيتىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان ئىجابىي تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى .
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : رەئىس شى جىنپىڭنىڭ « تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت » ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ ، ۋەتەننىڭ چوقۇم بىرلىككە كېلىشى مۇقەررەر بىرلىككە كېلىشىدەك تارىخىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ ، شياڭگاڭ « مۇستەقىللىقى »غە قارشى تۇرۇش ، بىر تۇتاش ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، شياڭگاڭ - تەيۋەن ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئاساسىي قاتلامدىكى ياشلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ ، قېرىنداشلارنىڭ قەلبداش بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . « بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش » تەك شياڭگاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ ، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا « بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش » ئەۋزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ ، « تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ، بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش » فاڭجېنى ۋە ئەمەلىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە قوللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ