خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 10- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ توقايېۋغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان سەمىمىي ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشىدىغان، دوستانە قوشنا دۆلەتلەر ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتتىكى ھەمراھلاردۇر. ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. مەن جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ھەم سىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ