مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تاجىكىستان تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

جۇڭگو-تاجىكىستان دوستلۇقىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئاچايلى

2019.06.13 15:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى تاجىكىستان «خەلق گېزىتى» ۋە «خوۋال» دۆلەتلىك ئاگېنتلىقىدا «جۇڭگو-تاجىكىستان دوستلۇقىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئاچايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو-تاجىكىستان دوستلۇقىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئاچايلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  ھاياتىي كۈچكە تولغان بۇ ياز پەسلىدە، مەن زۇڭتۇڭ راخماننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، تاجىكىستاندا دوستانە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا تۇرماقتىمەن. بەش يىل بۇرۇن، مەن تۇنجى قېتىم تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، بۇ يەرنىڭ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل تاغ-دەريالىرى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە شانلىق مەدەنىيىتى، قىزغىن ۋە سەمىمىي خەلقى مەندە گۈزەل ھەم چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. مەن پات ئارىدا يەنە بىر قېتىم بۇ قەدىمىي زېمىنغا قەدەم قويۇپ، قىزغىن ۋە مېھماندوست تاجىكىستانلىق دوستلار بىلەن كۆرۈشۈشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتىكەن.

  جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن، جۇڭگو غەربىي خەن سۇلالىسىدا ئۆتكەن جاڭ چيەن غەربىي يۇرت سەپىرىنى باشلاپ، ئۇلۇغ يىپەك يولىنى ئېچىپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدا گۈزەل سەھىپە قالدۇرغان. نەچچە مىڭ يىللىق جۇغلىنىش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى خۇددى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پامىر ئېگىزلىكىگە ئوخشاش، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تەۋرىنىپ قالمىدى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ كەتمىدى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 27 يىل بۇرۇن، جۇڭگو تاجىكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئالدى بىلەن ئېتىراپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جۇڭگو-تاجىكىستان خەلقى دوستلۇقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغان ئىدى. 27 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان باشتىن-ئاخىر ئۆز ئارا ئىشىنىشىپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئوخشىمىغان تۈزۈم، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان كۆلەمدىكى دۆلەتلەر دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ