باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگونى چوڭقۇر چۈشىنىشنىڭ بىر كۆزنىكى ئېچىلدى

خەلق گېزىتىنىڭ قىرغىزىستانغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىرى

2019.06.14 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 12- ئىيۇن، قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە شاڭسى كىتابخانىسىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى، چاچلىرى ئاقارغان بوۋاي-مومايلار، جۇشقۇن كەيپىياتتىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئاتا-ئانىلار يېڭى كىتابلارنى ئېلان قىلىش يىغىنىنى كۈتۈۋاتاتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلان قىلىنغان يېڭى كىتابلاردىن شاڭسى نەشرىياتىنىڭ قىرغىزچە نەشرىدىكى «شى جىنپىڭ سۆزلىگەن ھېكايىلەر»، «"مۇھاكىمە ۋە بايان"نىڭ تولۇق شەرھىلىرى» ۋە «كۇڭزىنىڭ ئائىلىدە قىلغان بايانلىرىنىڭ ئومۇمىي شەرھىلىرى»دىن ئىبارەت ئۈچ كىتابمۇ بار. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى، قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى ئىمانالىيەف تەبرىك سۆزىدە بۇ ئۈچ كىتابنى تىلغا ئېلىپ، قىرغىزىستان ئۈچۈن بۇ ئۈچ كىتاب ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكە، دەپ تەكىتلىدى.

  قىرغىزىستان دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى كامال بابىيوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. كامال بابىيوف يەنە مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە دائىم ھەر خىل تەمسىل ۋە ھېكايىلەرنى تىلغا ئالىدىكەن. «شى جىنپىڭ سۆزلىگەن ھېكايىلەر» ئوقۇرمەنلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرى ۋە بۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇلنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى ۋە ئۆزلەشتۇرۇشىگە پايدىلىق. بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى قىرغىزىستان ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە قاندۇردى.»

  شاڭسى خەلقئارا نەشرىيات گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىي لىدىرى مۇپىڭ مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن رۇسىيە، قىرغىزىستان ۋە بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇرغۇن «چوقۇنغۇچىلىرى» بارلىقىنى بايقىدىم. شۇڭا، نەشرىياتىمىز موسكۋادا جۇڭگو مەسىلىسىنى قىزغىن تەتقىق قىلىدىغان بەزى ئالىملار بىلەن بىرلىشىپ تەتقىقات-نەشرىيات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى مەخسۇس تاللىدى. شاڭسى نەشىرىياتى بۇلتۇر روسچە نەشرىدىكى«شى جىنپىڭ سۆزلىگەن ھېكايىلەر»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بازار ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى بولدى، قىرغىزىستاندىكى ئالىملار قىرغىزچە نەشرىنى نەشىر قىلىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان ئىدى.

  يېقىندا، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ قىرغىزچە نەشرى بېشكەكتە تارقىتىلدى. ئوتۇن بايېۋا خەلقئارا فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوگدۇرگۈل قەندىربايېۋا مۇنداق دېدى: مەن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نى ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىدىيىسىگە قايىل بولدۇم. قىرغىزچە نەشرىدىكى «شى جىنپىڭ سۆزلىگەن ھېكايىلەر» بولسا، ناھايىتى ياخشى «كېڭەيتىلگەن ماتېرىيال» بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونى چوڭقۇر چۈشىنىشنىڭ بىر كۆزنىكى ئېچىلدى، ئۇ ھەم قىرغىزىستان ئوقۇرمەنلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇردى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر