مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يولدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا، «ياۋا» سۇ ئۈزۈۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرسىڭىز توسۇپ قويۇڭ

2019.06.13 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇبېي شياۋگەن شەھىرىدىكى بىر ئەر يولدا كېتىۋاتقاندا، بىر توپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەريادا سۇ ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوغلىۋەتتى ھەمدە ئاغزىنى بۇزۇپ: يەنە كەلسەڭلار ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، دەپ تىللىدى. بۇ ئەر ئۆز تېلېفونىدا تارتىۋالغان ۋىدېيو تورغا چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ۋىدېيو كۆرۈنۈشىدىكى ئادەم تىللىغان ئاۋاز تورداشلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: بۇ بىزنىڭ ئادەم تىللىغان ئاۋازنىڭ مۇشۇنچىلىك تەسىرلىك ئاڭلىنىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئۇچىرىتىشىمىز.

   دەريادا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ خەۋپ-خەتەر كوئېففېتسېنتى ناھايىتى زور بولىدۇ، يەنە كېلىپ، تېنى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن ھەمدە خەتەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارى، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى ۋە دېفورماتسىيە ئىقتىدارى ئاجىزراق بولغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل خەتەرنىڭ ئېھتىمالى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خەتەرلىك دەريا سۈيى ھەر ۋاقىت باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھاياتىنى يۇتۇپ كېتىشى مۇمكىن. شياۋگەندىكى بۇ ئەر يولدا كېتىۋېتىپ دەريادا سۇ ئۈزۈۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەتەر ئىچىدە قالغانلىقىنى تونۇپ يەتتى ھەمدە كەسكىن قول سېلىپ ئارىلىشىپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى دەريادىن قوغلاپ چىقاردى. گەرچە بۇ ئەرنىڭ سۆزلىرى قوپال، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى قول چىقىرىپ قوغلاپ چىقارغان ئۇسۇلى ئاددىي ھەم قوپال بولسىمۇ، لېكىن، بۇ ئەرنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ.

  دۇنيادىكى ئىشلارنى بىلمەيدىغان، نەسىھەتكە قۇلاق سالمايدىغان ۋە بىزارلىق پىسخىكىسىغا ئىگە كەپسىز بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەزىدە ئاددىي ۋە قوپال ئۇسۇللار ئۇنىڭ ئەكسىچە تېز ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇ ئەر بىر نەچچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، بىر ياخشى ئىش قىلدى، ئۇنىڭ چىقىش نۇقتىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، بۇ مەزگىلدىكى بەزى ئۇسۇللارمۇ تەقلىد قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  قاتتىق ئىسسىق بولىدىغان ياز پەسلى بولسا، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ۋەقەسى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ياش-ئۆسمۈرلەر دەريا-ئېقىن، كۆلچەك ۋە سۇ ئامبىرى قاتارلىق سۇلۇق مۇھىتتا سۇ ئۈزۈپ ئويناپ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، بىر قېتىملىق ھادىسىدە نۇرغۇن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى دائىم يۈز بېرىدۇ. بۇ يىل 6- ئاينىڭ 9- كۈنى، گۇاڭشى ئۆلكىسى تيەنلىن ناھىيىسى ليۇلۇڭ بازىرى گۇڭياڭ كەنتىنىڭ دەريا بۆلىكىدە بەش نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلىكى بايقالدى. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش تراگېدىيەسى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، كىشىنى قاتتىق ئازابلاپ، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

  ياۋا سۇدا سۇ ئۈزۈنۈشنىڭ خەۋپىگە قارىتا، جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇش شەكىللەندى، شۇنداقلا ئامال قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلارنى دەريا-ئېقىن ۋە ئازگال قاتارلىق سۇ دائىرىسىدە سۇ ئۈزمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىپ ۋە ئۇنى باشقۇرۇپ، بالىلارنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ جىددىي قۇتقۇزۇش ماھارىتى ۋە قېچىپ قۇتۇلۇش ماھارىتىنى ئىگەللىتىۋاتىدۇ. دېمەك، سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغانلارنى ئەقىل ئىشلىتىپ قۇتقۇزۇش ۋاسىتىسىنى تاللاپ تۇرۇپ قۇتقۇزۇش لازىم، قارىغۇلارچە سۇغا چۈشۈپ قۇتقۇزۇش ۋە قول تۇتۇشۇپ سۇغا چۈشۈپ قۇتقۇزۇش چارىسىنى توسۇش لازىم. لېكىن، كەپسىز بالىلار ھەمىشە ئۆزىنى تۇتالمايدۇ، توپ-توپ بولۇشۇپ دالىلارغا سۇ ئۈزگىلى بارىدىغان بالىلار يەنىلا ئاز ئەمەس، بۇنداق بالىلارنى باشقۇرۇشتا پەقەت مۇئەللىم ۋە ئاتا-ئانىلارغىلا تايىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ.

  بىز ھەر بىرىمىز ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، خەۋەردىكى بۇ ئەرگە ئوخشاش ھاياتىمىزنى ئاسراش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، «يوقىلاڭ ئىشلار»نى كۆپرەك باشقۇرۇپ، بەزى «جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك كۆزىتىش مەسئۇلىيىتى»نى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز، يولدا كېتىۋاتقاندا ياۋا سۇدا سۇ ئۈزۈۋاتقان بالىلارنى كۆرگەندە، ئۇلارنى تىللاپ ۋە قوغلاپ كەتكۈزۈۋېتىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىزدە مۇشۇنداق ئاڭ بولسا، بىر پارچە مەسئۇلىيەت تورىنى تارتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۆزئارا تولۇقلاش رولىنى ئويناپ، كەپسىز بالىلارنىڭ ياۋا سۇ ئۈزۈش ھەرىكىتىنى ۋاقتىدا بايقىساق ۋە توسساق، ئۇلارغا كېلىدىغان خەتەرنى تۈگىتىپ، ئۇلارغا بىخەتەرلىك ئېلىپ كېلەلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ