شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ژېنبېكوۋ بىلەن كۆرۈشتى

2019.06.14 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 12-ئىيۇن كەچتە، بېشكەككە يېتىپ بارغان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ژېنبېكوۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن زۇڭتۇڭ سارىيىغا كەلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىزغىن كۆرۈشتى.

  6-ئايدىكى بېشكەكنىڭ كېچىسى مەيىن شاماللىق بولۇپ، ھاۋا سالقىن ئىدى. زۇڭتۇڭ سارىيى ئىچىگە يېڭى پانۇسلار ئېسىلغان. شى جىنپىڭ ماشىنا بىلەن يېتىپ كەلگەندە، ژېنبېكوۋ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ساراينىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئازادە، دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو-قىرغىزىستان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى كەڭ-كۇشادە بايان قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق كېڭەشتى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قەدىناس دوستۇمنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ مېنىڭ ئالتە يىلدىن كېيىن قىرغىزىستاننى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىشىم. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 27 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خەۋپسىزلىك جەھەتتە بىر-بىرىگە تايىنىدىغان، خەلقئارادا زىچ ھەمكارلىشىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ كۆپ قېتىم ئاشكارا سۆز قىلىپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان دوستلۇقىنى قەتئىي قوغدىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ، قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، قورۇقچىلىق، بىر تەرەپلىمىلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ