شى جىنپىڭ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭدىن يۈرۈپ كەتتى

شى جىنپىڭ بېشكەككە يېتىپ باردى

2019.06.13 15:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئىيۇن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بىشكەككە يېتىپ بېرىپ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.

  شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 7 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ماناس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ بۆلۈمچىدىن چىققاندا، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوف ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. شۇ جايدىكى ياشلار شى جىنپىڭغا گۈل ۋە بولكا، ھەسەل تەقدىم قىلىپ، ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قىرغىزىستان ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىنى بويلاپ سەپ تۈزۈپ، ھۆرمەت بىلدۈردى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ ژېنبېكوفنىڭ ئايرودۇرۇمغا بېرىپ كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، دوستانە قىرغىزىستان خەلقىگە جۇڭگو خەلقىنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، خەلق ئەۋلادمۇ ـ ئەۋلاد قوشنا بولۇپ كەلگەن. قەدىمىي يىپەك يولى بىزنى زىچ تۇتاشتۇرغان. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەت ھەقىقىي ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھقا ئايلاندى. زىيارەت مەزگىلىدە، مەن زۇڭتۇڭ ژېنبېكوف بىلەن جۇڭگو- قىرغىزىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ۋە باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پىلان تۈزۈمەن. بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ جۇڭگو-قىرغىزىستان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو- قىرغىزىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىشكەك باشلىقلار يىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قىرغىزىستان نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا چوقۇم مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ