مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ جۇڭگو ب د ت نى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغدايدۇ، دېدى

2019.06.18 14:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 17- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدە 73- نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى ئېسپىنوسا بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ب د ت قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، دۇنيا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ، خىرىس ئارقا- ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى ئىشلارنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر كېڭىشىپ ھەل قىلىشى، ب د ت نىڭ ئورنى ۋە رولىنى ئورتاق قوغدىشى، «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئاكسىئوما ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ب د ت نى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ب د ت يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى داۋاملىق قوغداپ، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداپ، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئېسپىنوسا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ياخشى ئالاقىنى ساقلاپ كەلدىم. ھازىر، ب د ت نىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى بولغان كۆپ تەرەپلىك، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. مەن ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ