مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2019.06.18 15:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى خۇ جاۋمىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئېننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى 17-ئىيۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ تاۋ، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لو جاۋخۇي ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  سۇڭ تاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئېننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئىيۇندىن 21-ئىيۇنغىچە چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز ئالىي رەھبىرىنىڭ 14 يىلدىن كېيىن چاۋشيەندە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، شۇنداقلا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەندە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى. بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو-چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ